ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋەر قىلىدۇ: ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى، مودېللارنىڭ كارامىتى، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش... 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تاڭزۇڭزا چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خوشۇت ناھىيەسى ئالتۇن قۇم مەنزىرە رايونىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە 12- نۆۋەتلىك «ئالتۇن قۇم ساھىلى لوڭقىسى» تاڭزۇڭزا چاغىنى ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ پائالىيەت 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى جەلپ قىلدى.
6- ئاي خوشۇت ناھىيەسىدە ھاۋا ياخشى مەزگىل. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، تاماشىبىنلار ئالتۇن قۇم مەنزىرە رايونىدا كۆل قىرغىقىنى بويلاپ بىر كىلومېتىرچە ئۇزۇنلۇقتا توپلانغانىدى. رېپىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خوشۇت ناھىيەسىدىكى يېزا- بازار، مەيدانلاردىن كەلگەن 16 ۋەكىل كوماندا كەسكىن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتاتتى.
ماھىرلار مۇسابىقىدە تولۇق غەيرەتكە كەلگەن بولۇپ، قولىدىكى پالاقنى دۇمباقنىڭ رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ تەكشى ئۇرۇش، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرقى نۇقتىغا قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتى. ئەجدىھا قولۋاقلار سۇ يۈزىدە دولقۇن يېرىپ تېز ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كوماندا ئەزالىرىغا توختىماي مەدەت بېرىۋاتاتتى.
پائالىيەت كۈنى، ئەجدىھا قولۋاق مۇسابىقىسىدىن سىرت، يەنە مەززىلىك تائاملارنى باھالاش، مۇزىكا شادلىقى، مودېللارنىڭ كارامىتى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، بۇنىڭدىن تاماشىبىنلار قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلىشتى.