تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئېلىمىز ئالىملىرى يەر شارى قاتلىمىغا چوڭقۇرلاپ كىرمەكتە

    ‹‹خاسىيەتلىك كېمە››نىڭ ئالەمگە چىقىشى، ‹‹سۇ ئەجدىھاسى››نىڭ دېڭىزغا شۇڭغۇشىدىن كېيىن، ئېلىمىز ئالىملىرى يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە يەنە تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى.
    6-ئاينىڭ 2-كۈنى، جىلىن داشۆسى مەسئۇللۇقىدا تەتقىق قىلىپ ياسالغان ‹‹يەر پوستى 1-نومۇر››لۇق 10 مىڭ مېتىرلىق بۇرغىلاش ماشىنىسى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ‹‹ماھارەت كۆرسىتىش››ىنى تاماملىدى. بۇرغىلاش ماشىنىسى 7018 مېتىر چوڭقۇرلۇققا يېتىپ بېرىپ، ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە قۇرۇقلۇقتا بۇرغىلاش تېخنىكىسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدىن كېيىنلا دۇنيا بويىچە يەرنى 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارغا ئىگە بولغان 3 – دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
    7018 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇڭكې 2-نومۇرلۇق قۇدۇقى دۆلىتىمىز يولغا قويغان سۇڭخۇاجاڭ – لياۋخې ئويمانلىقى قۇرۇقلۇق بور سىستېمىسىنى خەلقئارالىق تېخنىكا بويىچە چارلاپ بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى بولۇپ، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پەن-تېخنىكىسى بويىچە چارلاپ بۇرغىلاش پىلانى(ICDP) يولغا قويۇلغان 22 يىلدىن بۇيان، ئەڭ چوڭقۇر بۇرغىلانغان قۇدۇق، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ بور دەۋرى قۇرۇقلۇق فاتسىيەسى يەر قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتكەن ئىلمىي تەكشۈرۈپ بۇرغىلاش قۇدۇقى ھېسابلىنىدۇ.
    بۇ جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇقتا چارلاپ بۇرغىلاش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن نامايەندە خاراكتېرلىك نەتىجە بولۇپ، دۆلىتىمىزنى يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى تەكشۈرۈشىنى ھالقىلىق تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەپ، سۇڭخۇاجاڭ – لياۋخې ئويمانلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سالنېتس گازى ۋە يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلەرنى چارلاپ ئېچىشتىكى يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىپ، يەر شارى بور دەۋرى قۇرۇقلۇق فاتسىيەسى پالېئوكىلىماتى تەتقىقاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ گېئولوگىيە تارىخىدىكى پالېئوكىلىماتى تەتقىقات ساھەسىدىكى خەلقئاراغا بولغان تەسىر كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ.
    يەر شارىغا چوڭقۇرلاپ كىرىش
    ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاش يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى ماددىلارنى ئېلىش، يەر شارىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىغا ئەڭ بىۋاسىتە، ئۈنۈملۈك ۋە ئىشەنچلىك ئېرىشىش ئۇسۇلى، يەر شارى پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تىرەك، شۇنداقلا كىشىلەر جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان بايلىق، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تېخنىكىلىق ۋاسىتە.
    20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان، تەرەققىي تاپقان نۇرغۇن دۆلەت كۆپ تۈرلۈك ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاش پىلانىنى كەينى-كەينىدىن يولغا قويدى. ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگىلىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە كولا يېرىم ئارىلىدا 12262 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلانغان قۇدۇق بار بولۇپ، ئۇ ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر بۇرغىلانغان قۇدۇق؛ گېرمانىيەدە 9101 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلانغان قۇدۇق 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
    دۆلىتىمىزنىڭ يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قىسمىنى بۇرغىلاپ چارلاشتا دەرىجىدىن تاشقىرى بۇرغىلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جىلىن داشۆسى ‹‹يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى بۇرغىلاپ چارلاش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبە تەتقىقات مەخسۇس تۈرى››نىڭ 5-تەتقىقات تېمىسى بولغان ‹‹يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش››نى ئۈستىگە ئالغان.
    تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، جىلىن داشۆسى 2013-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى ئۈسكۈنە بولغان ‹‹يەر پوستى 1-نومۇر›› بەلگىلىك بۇرغىلاش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ، دۆلىتىمىزنىڭ يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئىلمىي قىدىرىپ چارلاش ئۈسكۈنىسى ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ يەر شارى قاتلىمىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتا قىدىرىپ چارلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
    جۇڭگولۇق ئالىملار يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ‹‹مەركىزىي قاتلامدىن ئېلىش›› قاتارلىق تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى
    2006 -يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى سۇڭخۇاجاڭ – لياۋخې ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى مەركىزى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندا باشلانغان جۇڭگو بور دەۋرى چوڭ قۇرۇقلۇق ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاش قۇرۇلۇشى(سۇڭكې 1-نومۇرلۇق قۇدۇق) ئىككى جايدا ئېلىپ بېرىلغان. 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى سۇڭكې 1-نومۇرلۇق قۇدۇقىدا بۇرغىلاپ چارلاش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، يەر مەركىزىگە قاراپ 2577 مېتىر چوڭقۇرلاپ كىرگەن، يەر مەركىزىگە كىرگەن ئارىلىق جەمئىي 2485 مېتىر بولۇپ، بور دەۋرى يەر پوستى سىستېمىسىدىكى مۇھىم گېئولوگىيەلىك ھادىسە ۋە پارنىك ئېففېكتى ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى تەتقىقاتقا پۇختا ئاساس سېلىنغان.
    بۇرغا بېشىنىڭ ئىزچىل داۋاملاشقان دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىپ كېتىپ ئىشتىن توختاپ قالماسلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش ئالىملار دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان. سۇڭكې 2-نومۇرلۇق قۇدۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭگو گېئولوگىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارلاش تېخنىكا تەتقىقاتى يۇرتىنىڭ باشلىقى جاڭ جىنچاڭ مۇنداق دېدى: قانچىكى چوڭقۇر بۇرغىلىغاندا، تېمپېراتۇرا شۇنچە ئۆرلەپ كېتىدۇ، بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى تېخنىكىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. قايتا – قايتا تەتقىق قىلىش ۋە تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق ئالىملار تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭى تىپتىكى بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بۇرغىلاش سۇيۇقلۇقىنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئىشلىتىش رېكورتىنى يېڭىلىدى.
    7018 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بۇرغىلاپ چارلاش بىلەن، جۇڭگو گېئولوگىيە ئىلمىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى باشلاندى
    سۇڭكې 2-نومۇرلۇق قۇدۇقىنى چارلاپ بۇرغىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىنى باھالاپ بېكىتىش يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشتە نەزەرىيە، تېخنىكا، قۇرۇلۇش ۋە ئۈسكۈنە جەھەتلەردە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئېنېرگىيەنى چارلاپ ئېچىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، بور دەۋرىدىكى پالېئوكىلىماتى تەتقىقاتى ۋە ‹‹100 يىللىق داچىڭ نېفىتلىكى›› قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. نەتىجە ئومۇمەن خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى قىدىرىپ چارلاش تېخنىكىسى ۋە بور دەۋرىدىكى قۇرۇقلۇق فاتسىيەسى پالېئوكىلىماتىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە خەلقئارا ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەن.
    جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ چېڭشەن مۇنداق دېدى: ھازىر سۇڭكې 2-نومۇرلۇق قۇدۇقىدىن كېرىن نۇسخىسى تولۇق ئېلىنىپ بولدى، بۇ نۇسخىنى تەتقىق قىلىش بور دەۋرىدىكى پالېئوكىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كەلگۈسىدە كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بور دەۋرىنى تەتقىق قىلىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بۇ دەۋر بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان پارنىك كىلىماتى دەۋرى، شۇنداقلا كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ مىقدارى يۇقىرى، دېڭىز يۈزىدىن يۇقىرى ۋە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولۇشتەك ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› دەۋرى. بور دەۋرىنى ئېنىق بىلىۋېلىش كەلگۈسىدە يەر شارىدىكى ئۆزگىرىش(يەر شارى بۇ خىل ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› دەۋرىگە كىرىشى مۇمكىن)نى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    دۆلىتىمىزنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشۇرۇپ ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاش قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشى نېفىت گاز زاپىسى بار چوڭ تىپتىكى ئويمانلىقتا ئىلمىي بۇرغىلاپ چارلاش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇننى تاللاش ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە جۇڭگولۇق ئالىملار 15 مىڭ مېتىر بۇرغىلاپ چارلاش ئۈسكۈنىلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى