تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئوزۇقلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

    1. قېتىقنى تاماقتىن بىر - ئىككى سائەت كېيىن ئىچىڭ. تاماقتىن كېيىنلا قېتىق ئىچسە ئۈچەينىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.
    2.دورا ئىچكەندىن كېيىن تاماكا چەكمەڭ. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن جىگەرنىڭ دورىنى پارچىلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاندىكى دورا قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ، دورىنىڭ رولى تولۇق جارى بولمايدۇ.
    3.ئەمگەك قىلغاندا قەھۋە ياكى قېنىق چاي ئىچمەڭ. بۇ يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا زىيانلىق، يۈرەك سېلىش دەل بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
    4.يوۋزى (柚子) نى قان بېسىم دورىلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى يوۋزى تەركىبىدە فۇران كوئۇمارىن بار بولۇپ، ئۇنى بەزى قان بېسىم دورىلىرى، مەسىلەن: كالتسىي بىلەن قارشىلاشقۇچى دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى فۇران كوئۇمارىن جىگەردىكى بىر خىل ئېنزىمنىڭ دورا مېتابولىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئاجىزلىتىپ، قاندىكى دورا قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    5.چىش پاستىسىنىڭ تەركىبىدە فىتور بولۇشى كېرەك. تەركىبىدە فىتور بولغان چىش پاستىسىدا چىش چوتكىلاش چىش چىرىش (قۇرت يېيىش)نىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى بولۇپ، چىش چىرىشنى %20 − %40 كىچە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
    6. كۆكتات ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ ياشانغاندا بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى كۆكتات ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ بولىدۇ. شۇڭا ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىڭ.


           ئېرفانجان ياسىن تەييارلىغان

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى