تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يازدا بەدەنگە سۇ تولۇقلاشنىڭ ئىلمىي قائىدىلىرى

     ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن ساغلام ئادەم ھەر كۈنى تەخمىنەن 2500 مىللىلېتىر سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا ئادەم بەدىنىگە مۇۋاپىق پەيت، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سۇ تولۇقلاپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ ياز پەسلىدىكى سۇ ئىچىش ئەڭ مۇھىم ‹‹ساغلاملىقنى ئاسراش ئۇسۇلى›› دۇر. لېكىن، يازدا سۇ ئىچىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىلمىي قائىدىلىرى بار.
    1. سۇ ئىچكەندە خام سۇ ئىچمەي، قاينىتىلغان  سۇ ئىچىش كېرەك. مەلۇم بولۇشىچە، ئىنسانلاردىكى %80تىن ئارتۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك سۇ ياكى سۇ بۇلغىنىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كېزىك، خولېرا، تولغاق، تارقىلىشچان جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر بۇلغانغان سۇنى ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن. بۇلغانغان سۇ يەنە پارازىت قۇرۇت كېسەللىكىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىچىدىغان سۇ چوقۇم سەھىيە ساقلىقىنى ساقلاش تەلىپىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك.
    2. توڭلاتقۇدىكى سوغۇق سۇنى ياكى مۇزلىتىلغان ئىچىملىكنى دەرھال ئىچمەسلىك كېرەك. توڭلاتقۇدىكى سوغۇق سۇ ياكى مۇزلىتىلغان ئىچىملىك ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، قىلدام تومۇرلارنى يىغىۋېلىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى بىئارام قىلىدۇ. ھەتتا ئىچى سۈرۈپ، قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ئەتىگەندىلا توڭلاتقۇدىن ئېلىپ ئىچكەن سۇ ياكى ھەر خىل ئىچىملىكنىڭ زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر. شۇڭا تېمپېراتۇرىسى ئون گىرادۇستىن 30 گىرادۇسقىچە بولغان ئىلمان سۇنى ئىچىش كېرەك.

    3. ياز پەسلىدە ئادەم كۆپ تەرلەيدۇ. ئادەم بەدىنىدىن چىققان تەر بەدەندىكى سۇنى خورىتىپلا قالماستىن، يەنە مىنېرال ماددا، ۋىتامىن ۋە ئاممونىي كىسلاتالارنىمۇ خورىتىدۇ. شۇڭا تاتلىق سۇ ئىچىش بىلەن بىللە، تۇز سېلىنغان سۇ، ماش قايناتمىسى ۋە لىمون سۈيىنىمۇ كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك.

    4. سۇنى بىراقلا كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ھاۋا ئىسسىپ كەتكەندە ئادەم ئۇسساپ لەۋلىرى گەز باغلاپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا بەزىلەر سۇنى كۆتۈرۈپ بىراقلا ئىچىۋېتىدۇ. سۇنى بىراقلا كۆپ ئىچكەندە قاننى تېزلىكتە سۇيۇلدۇرۇۋېتىپ، يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئەڭ توغرا ئۇسۇل بىر يۇتۇم بىر يۇتۇمدىن ئىچىش، ھەر يۇتۇم سۇنى بىر نەچچىگە بۆلۈپ يۇتۇش كېرەك.
    5.سۇنى ئۇسساشتىن بۇرۇن ئىچىش كېرەك. ئادەم قاتتىق ئۇسساپ كەتكەندە يۈرەك بىئارام بولىدۇ ھەمدە ماغدۇرسىزلىنىپ باش قايغاندەك بولىدۇ، بۇنداق ئالامەتلەر مۇسكۇللارنىڭ سۇسىراشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ چاغدا تولۇقلاپ ئىچىلگەن سۇ ‹‹پاسسىپ ئىچىلگەن›› سۇ بولىدۇ. شۇڭا سۇنى ئۇسساشتىن بۇرۇن ئىچىش كېرەك.
    6. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان سۇ ئىچىپ بەرگەندە ئاشقازان ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى راۋانلاشتۇرغىلى ھەمدە قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    7.كۆكتاتلاردىكى سۇيۇقلۇقمۇ ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق. قوغۇن-تاۋۇز، تەرخەمەك ۋە شوخلا تەركىبىدە مول سۇ بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى سۇنى سۈپەتلىك تولۇقلاشقا پايدىسى كۆپ.


ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى