تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

لىمون سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

     لىموننىڭ تەمى خۇش پۇراق بولۇپلا قالماستىن، تەركىبىدە ۋىتامىن C، لىمون كىسلاتاسى ۋە سىترېن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول، بۇلار يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، مېۋىلەر ئىچىدىكى ‹‹ساقلىقنى ساقلىغۇچى مېۋە›› دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.  ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، لىموننى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

    ياپونىيە  تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان 40 ئايالنى سىناققا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇدا ئالتە ئاي كۈندە تەركىبىدە كالتسىي بولغان لىمون شەربىتىدىن 200 مىللىلېتىر ئىستېمال قىلدۇرغان. نەتىجىدە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ سۆڭەك توقۇلمىسىدا ئېرىپ قانغا كىرگەن كالتسىي ئىيونى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %14 تورمۇزلىنىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن سۆڭەكنىڭ زىچلىقى ئوتتۇرىچە %1.32 ئاشقان، شۇنىڭدىن كېيىن كۆپچىلىك ئاساسەن مۇشۇ سەۋىيەنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.

    سۆڭەك شالاڭلىشىش كالتسىي ئىيونىنىڭ سۆڭەكتىن ئۈزلۈكسىز تاراپ كېتىشى سەۋەبىدىن سۆڭەك توقۇلمىسى قۇرۇقدىلىپ قېلىش، سۆڭەكنىڭ چۈرۈكلۈك دەرىجىسى ئېشىپ كېتىشتىن پەيدا بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، لىموننىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لىمون كىسلاتاسىنىڭ خېلاتسىيە رولىدىن بولغان بولۇپ، لىمون كىسلاتاسى بىلەن ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي بىرىكىپ خېلاتلىق كالتسىي ھاسىل قىلىپ، كالتسىينىڭ تاراپ كېتىشىنى ئازلىتىپ، سۆڭەكنى كۈچەيتىش ئۈنۈمىگە يەتكۈزىدىكەن.


                                                                                                                                                                         ‹‹ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى›› دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى