تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

 ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پەرھات مەخمۇت

    مەن كىچىكىمدىنلا ئاقسۇ شەھىرىدە ياشاپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇل لاي يوللارنىڭ ئورنىغا كەڭرى كەتكەن تۈپتۈز ئاسفالت يوللارنىڭ ياسالغانلىقىغا، پاكار، كونا بىر قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ ئورنىغا رەت-رەت ئېگىز بىنالارنىڭ سېلىنغانلىقىغا گۇۋاھچى بولدۇم، ئاقسۇ شەھىرى ئىقتىسادىنىڭ ئارقىدا قېلىشتىن گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشقىچە بولغان جەرياننى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. بۇ تەستە قولغا كەلگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشى، ياردىمىدە قولغا كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
    بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پەيدا قىلىپ، تىنچ، ئىتتىپاق ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈپ، كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزدى. ئۇلار جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.
    پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1-سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىمەن، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغدايمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئالدىنقى سېپىدە پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرىمەن، پارتىيەگە سەمىمىي، سادىق بولىمەن، ھەرگىزمۇ كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەردىن بولمايمەن، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن-ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.
    ئاز سانلىق مىللەت كادىرغا خاس ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىدا بولغان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىمەن، زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئېنىق سۆزلەپ، سۆز-ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىشقا، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئەتراپىمدىكى ئاممىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، زوراۋان-تېررورچىلارغا قىلچىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر بىلدۈرىمەن. پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئامما ھەم ئەتراپىمدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىمنى يېتەكلەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن تۇغقانلىشىپ ھەم دوستلۇق ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيە، ھېسسىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى