تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مالىيەسى ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، سېلىقنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنىڭ سالمىقىنى زورايتتى

 ئالدىنقى بەش ئايدا كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەخمىنەن 42 مىليون400 مىڭ يۈەن سېلىقى يېنىكلىتىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، سېلىقنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، 1-ئايدىن 5 -ئايغىچە كارخانا ۋە جەمئىيەتنىڭ تەخمىنەن 42 مىليون 400 مىڭ يۈەن سېلىقىنى يېنىكلەتكەن.
    پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرخىل سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن. ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك مەبلەغ، مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ۋە تىجارەت، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق قاتارلىقلارنى ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتقان.
    ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئېنىقلاش سىياسىتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە  مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ۋە ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند قاتارلىق تۈرلەردىن 274نى ئەمەلدىن قالدۇرغان، توختاتقان، ئازايتقان.
    شىنجاڭ خۇالىڭ ئۆي – مۈلۈك كەسپى ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، سېلىقنى يېنىكلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن پايدىغا ئېرىشكەن كارخانا، بۇ شىركەتنىڭ كەسپىي دىرېكتورى شېن پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ 750 مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى تام ئۆزگەرتىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغانلىقتىن، شىركىتىمىز 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن ھەقنى ئاز تاپشۇردۇق.
    ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ۋە مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق تۈرىدىن ئاران 83نى ساقلاپ قالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىغا چېتىلىدىغان تۈر 48 .
    ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىلقى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى ئاساسلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە كەسىپلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدىكەن، بۇلار بىر قىسىم ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش، قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەرنى ئېلىشنى توختىتىش، كەچۈرۈم قىلىش، قاتناش – تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى نۇقتىلىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون مالىيەسى مېيىپلەر كاپالەت پۇلى يىغىش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى چېكىنى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە يىغىشتىن ئىككى ھەسسىسى بويىچە يىغىشقا تۆۋەنلىتىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن كەسىپلەرنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەر يىلى جەمئىيەت ۋە كارخانىدىن ئېلىنىدىغان 18 مىليون 400 مىڭ يۈەن ھەق ئازايتىلىدىكەن.
    2018-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاھالىلەردىن تۇنجى قېتىم كىملىك ئېلىش ھەققى ئېلىنمايدۇ. ئىلگىرىكى يىللاردىكى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەريىلى جەمئىيەتتىن ئېلىنىدىغان 9 مىليون 200 مىڭ يۈەن ھەق ئازىيىدۇ.
    2018-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ -كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا خىمىيەۋى ئوغۇت توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئېغىرلىقى بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلدى، سىياسەت ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان 14 مىليون 800 مىڭ يۈەن ھەق كېمەيتىلدى ياكى كەچۈرۈم قىلىندى.
    بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: مالىيە تارماقلىرى ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، سېلىقنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ماسلىشىپ، تالون ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجرا قىلىشقا ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى