تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باقىت قادىرباي

    پارتىيە، خەلق كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان قازاق رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سەمىمىي، چوڭقۇر مىننەتدارلىقىم بار، مەن شۇنى چوڭقۇر بىلىمەنكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى.   تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇچقاندەك يۈكسىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىناق، مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلماقتا، گۈللەپ ياشنىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ مەنزىرە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى.
    ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، قانۇننىڭ ئىززەت  – ئابرۇيىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىمىزنى ئېغىر قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، تىنچ، خاتىرجەم ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە بولۇپ قالدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ھەرگىز تاقەت قىلىپ تۇرالمايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن قەتئىي چىقىشالمايمەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك مۇشت ئېتىپ، قاپ يۈرەكلىك قىلىپ قانۇن بىلەن ئوينىشىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن دۈشمەننىڭ ئېشىپ كەتكەن ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرىمەن. ھەر ۋاقىت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› نىڭ زىيىنىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقىتىپ، تەستە قولغا كەلگەن خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى قوغدايمەن.
    مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى دائىم ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قەتئىي رىئايە قىلىپ، ئىرادەمنى، ئىدىيەمنى، ھەرىكىتىمنى ۋە قەدىمىمنى باش نىشان ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرغا خاس ئەۋزەللىكىمنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانىدا باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ئۇنىڭ قولچوماقچىسى بولغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ قالدۇقلىرىنى چالا قويماي  تېپىپ چىقىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى پەيدا قىلىدىغان تۇپراقنى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولنى تەلتۆكۈس قېزىپ چىقىشىمىز، تازىلىشىمىز، يوقىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى