تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۇاڭشى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ پېشۋاسى جۇ شىئاڭنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

    گۇاڭشىنىڭ يۈلىن شەھىرىدىكى جۇ شىئاڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قورۇسىغا ھەر كۈنى كېلىدىغان شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قورۇسىنىڭ مەدەنىيەت كارىدورىدىكى قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان مەرمەرتاشقا ‹‹گۇاڭشى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ پېشۋاسى جۇ شىئاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى›› ئويۇلغان.
    جۇ شىئاڭ 1887-يىلى 4-ئايدا گۇاڭشىنىڭ يۈلىن شەھىرى بوبەي ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1907 – يىلى گۇاڭدۇڭ ئالىي سانائەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. بۇ مەزگىلدە، جۇ شىئاڭ پىرولېتارىيات دېموكراتىك ئىنقىلابىي ئىدىيەسىدىن تەربىيە ۋە ئىلھام ئېلىپ، چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتنىشىپ، تۇڭمېڭخۇيگە مەخپىي ئەزا بولۇپ كىرىپ، مەشھۇر خۇاڭخۇاگاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان.
    جۇ شىئاڭ 1912-يىلى سانائەت مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ گۇاڭشىغا قايتىپ كەلگەن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۈلىن ۋۇشۇ مائارىپ ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يۈلىن ۋۇشۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ يېڭى ئىلىمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بىر ئەۋلادنى تەربىيەلەپ، نۇرغۇن تۆھپە قوشۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. جۇ شىئاڭ 1915-يىلى 12-ئايدا يۈەن شىكەيگە جازا يۈرۈشى قىلىش ئاساسىي قانۇننى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ ۋەتەننى قوغداش ئارمىيەسى 2-جۈنى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كاتىپى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇاڭدۇڭ يۈنەن ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، گۇاڭشى ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى، گۇاڭشى ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.
    سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشى ۋە جۇڭگو ‹‹4-ماي›› ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشى جۇ شىئاڭنىڭ ئىدىيەسىدە يېڭى ئاڭ شەكىللەندۈرگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇ شىئاڭ ماركسىزم – لېنىنىزم توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، يۇرتىغا قايتىپ گۇاڭشى ئۆلكىلىك 9-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى بولغان ھەم ئىنقىلابىي نەزەرىيەلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭگونىڭ چىقىش يولى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. 1923-يىلى جۇ شىئاڭ يۈلىن ۋۇشۇ ئوتتۇرا مەكتىپىگە يەنە قايتىپ كېلىپ مەكتەپ مۇدىرى بولغان، گۇاڭشى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى گۇاڭشى مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرلىقىغا تەيىنلەش تەكلىپىنى نەچچە قېتىم رەت قىلغان.
    جۇ شىئاڭنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، 1924-يىلى ياپونىيە، فىلىپپىنگە مائارىپ ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن. ئۇ ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن پات – پات ئۇچرىشىپ، ماركسىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان. 1925-يىلىنىڭ بېشىدا، جۇ شىئاڭ يۈن دەييىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.
    جۇ شىئاڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مائارىپ ساھەسىدىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، ۋۇخەن، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيەگە پائال خىزمەت قىلغان. كېيىن پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، يۈلىنگە قايتىپ كېلىپ، مەخپىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ماركسىزم – لېنىنىزمنى تەشۋىق قىلغان، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرغان، پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي كۈچلەرنى يېتىشتۈرگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭشى ۋاقىتلىق ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلىنىپ، يۈلىن رايونىدىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
    جۇ شىئاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشتىن ئىلگىرى، گۇاڭشىدىكى مەشھۇر مائارىپچى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ئىدى. ئۇ كومپارتىيە ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، كاستۇم-بۇرۇلكىنىڭ ئورنىغا قارا كالتە يەڭ كۆڭلەك، چىغ قالپاق كىيىپ، كۇتۇپخانىدىن چىقىپ ئېتىز-ئېرىقلارنى ئارىلاپ، دېھقانلار بىلەن بىللە ئەمگەك قىلغان، ھال – مۇڭ قىلىشقان. جۇ شىئاڭ قەيسىرانە روھ بىلەن ماركسىزمنى تەشۋىق قىلغان، ھەر دۈشەنبە كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بېرىپ، ماركسىزم تەلىماتىنى سۆزلىگەن ياكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، شەنبە كۈنىنى ‹‹ئىشچى – دېھقانلار ھەرىكىتى كۈنى›› قىلىپ بېكىتىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ئەترەتلەرگە ئايرىپ يېزىلارغا تەشۋىق قىلىشقا ئەۋەتكەن، ‹‹ئىدىيەدە ئىنقىلابىيلىشىش، تۇرمۇشتا ئاۋاملىشىش›› مەكتەپ تەربىيەسىنى تەسىس قىلغان.
    1926-يىلى ئەتىيازدا، جۇ شىئاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈلىن يەرلىك تەشكىلاتى 1-ياچېيكىسى  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈلىن ناھىيەلىك ياچېيكىسىنى قۇرۇپ، ياچېيكىنىڭ شۇجىسى بولغان. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، جۇ شىئاڭ شاڭخەي، ۋۇخەن، گۇاڭجوۋ، شياڭگاڭ ۋە جەنۇبتىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پارتىيەنىڭ پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان، 1927-يىلى قىشتا گۇاڭجوۋ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1928-يىلى جۇ شىئاڭ گۇاڭشىغا قايتىپ كېلىپ پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قاتنىشىپ، گۇاڭشىدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە رەھبەرلىك قىلغان.
    1929-يىلى 6-ئاينىڭ بېشىدا، جۇ شىئاڭ قاتارلىقلار يۈلىن ناھىيەسى يېڭى كۆۋرۈك رۇڭمۇگېن كەنتىدە دۈەنۋۇ بايرىمى قوراللىق قوزغىلىڭىنى پىلانلىغان، ئويلىمىغان يەردىن گومىنداڭ ھەربىي-ساقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قورشىۋالغان. خەتەرلىك پەيتتە، جۇ شىئاڭ ھۆججەتلەرنى جايىدا بىرتەرەپ قىلغان، ئاندىن قوزغىلاڭچىلار بىلەن بىللە مۇھاسىرىنى بۆسۈپ كەنتتىن چىقىپ كەتكەن. جۇ شىئاڭنىڭ كۆزەينىكى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ ئېغىر دەرىجىدە يېقىننى كۆرەلمەيدىغان بولغاچقا، ھەرىكىتىدە قولايسىزلىق كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ ھىمايىسىدە يولداشلار چېكىنىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ بەختكە قارشى قولغا چۈشۈپ قالغان. دۈشمەن جۇ شىئاڭنى قورقۇتۇپ ۋە ئېزىقتۇرۇپ، قاتتىق قىيىن – قىستاققا ئالغان بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز تىز پۈكمەي، ھەققانىيەت يولىدىن يانماي، باشتىن – ئاخىر پارتىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قىلچىمۇ ئاشكارىلىمىغان.
    جۇ شىئاڭ قولغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلاتى كۆپ تەرەپنى ئۇنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىگەن، غەزەپلەنگەن خەلق ئاممىسى يۈلىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن، ھەر ساھەدىكى زاتلار ئارقا – ئارقىدىن جۇ شىئاڭنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. گومىنداڭ دائىرىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ، 1929-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە يۈلىن شەھىرى سىرتىنىڭ شىمالىي بۇرجىكىدىكى لوۋچېڭجياۋ تاشيولىنىڭ يېنىدىكى رۇڭمۇ دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇنى مەخپىي ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بۇ، يۈلىننى زىلزىلىگە سالغان ‹‹رۇڭمۇگېن ۋەقەسى›› بولۇپ، جۇ شىئاڭ شۇ يىلى 42 ياشتا ئىدى.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يۈلىن شەھەرلىك پارتكومى پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پاڭ جاۋيۈ مۇنداق دېدى: جۇ شىئاڭ گۇاڭشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەتلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تەشكىللىگۈچى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى بولۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كۈرەش قىلغان، خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئازادلىقى ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنىنى بېغىشلىغان.
    يۈلىن شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، ئەۋلادلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، 1958-يىلى شۇ يەردە جۇ شىئاڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى ياسىغان، 1978-يىلى قايتا رېمونت قىلدۇرغان، 1987-يىلى ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھەيكىلى، تاش ئابىدىسىنى تۇرغۇزغان. ھازىر جۇ شىئاڭ ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئىمارەتلىرىنى قوغداش ئورنى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلانغان، ھەر يىلى چىڭمىڭ بايرىمى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە كۈنىنىڭ ئالدى – كەينىدە نۇرغۇن پارتىيەلىك كادىر، ياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋە شۇ جايدىكى ئامما بۇ يەرگە قەبرە سۈپۈرۈشكە كېلىدۇ.


شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى