تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

چاپچال ناھىيەسى ئاممىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈردى

نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش

     شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چېن خەۋەر قىلىدۇ: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن بۇيان، «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى، سىياسەتنى، نامراتلارنى داۋاملىق يۆلەشنى، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىۋەتمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىدى.
    بۇ ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، ‹‹بەش بولماسلىق›› مۇكاپاتلاش-تولۇقلاش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، مۇكاپاتلاشنى تولۇقلاشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، كادىرلار قوشماقلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش شەكلى ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنى ھويلا – ئاران باقمىچىلىقى، كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىقلارغا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ھويلا-ئاران تاشلىنىپ قالغان بولماسلىق، ئائىلىدە بىكار كىشى بولماسلىق، ھوسۇل تۆۋەن بولماسلىق، سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كىشى بولماسلىق، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن قالغان بولماسلىق»قا كاپالەتلىك قىلدى. «بەش بولماسلىق» مۇكاپاتلاش-تولۇقلاش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن››، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلالايمەن›› دەيدىغان ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇ ناھىيە كەڭ كۆلەملىك تەربىيەلەش، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقاتنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تەربىيە شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن، ماھارەت ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈردى.
    ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئۇزاققىچە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ‹‹يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى + نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش›› قاتارلىق ئەندىزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تۈزۈم سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، ‹‹نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە ئالاقىنى ئۈزمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلسىمۇ ئالاقىنى ئۈزمەسلىك››تە چىڭ تۇرۇپ، قوشماقلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى جەزمەن بەش يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ‹‹ئون كۈندە بىر قېتىم تەكشۈرۈش، ئايدا بىر قېتىم تەڭشەش، پەسىلدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باھالاش››نى يولغا قويدى.
    چاپچال ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ پېيشاۋ مۇنداق دېدى: نامرات ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق كۈچەش، داۋاملىق يۆلەش، نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، خېمىرغا يېنىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغىچە يۆلەش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى