تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە كۈچ قوشتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: كەنت ئاھالىسى رېھىم ئىمىننىڭ ھويلىسىدىن سىرتقا قارىسىڭىز ھەممە جاينىڭ يېشىللىققا تولغانلىقىنى كۆرىسىز، چىلان، ياڭاق دەرەخلىرىدە مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇرغان بولۇپ، يىراقتىكى چۆل – جەزىرىدە جىگدە دەرىخى قۇم – بوراننى توسۇپ تۇراتتى.
    رېھىم ئىمىن تۇرۇشلۇق چەرچەن ناھىيەسى ئارال يېزىسىنىڭ ئۈچ تەرىپىنى تەكلىماكان قۇملۇقى ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ يېزىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناھايىتى ئاجىز ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، قۇملۇقتا يېشىللىق بەرپا قىلىپ، يۇرت-ماكانىغا دەل-دەرەخلەردىن توسۇق ياسىدى. ھازىر ئارال يېزىسىدا تېرىلغۇ يەر كۆپىيىپ 35 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىھاتە ئورمان رايونىدا يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر 12 مىڭ موغا يەتتى. كەنت ئاھالىلىرى قۇم-بوراننى  توسۇپلا قالماي، يەنە قۇملۇق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى.  
    ئارال يېزىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇمنى تىزگىنلەپ يېشىللىقنى كۆپەيتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىشتىكى جانلىق ئۈلگىسى.
    بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى 24 – نۆۋەتلىك ‹‹دۇنيا چۆللىشىپ كېتىش ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى››. ئېلىمىزنىڭ تەشۋىقات باش تېمىسى «تۇپراق قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە كۈچ قوشايلى» بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئادەم بىلەن قۇملۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىق» ھېكايىسىدىمۇ يېڭى سەھىپە ئېچىلدى.
    تۇپراقنىڭ قۇملىشىشى بىلەن نامراتلىق زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، 1962 ئېغىر نامرات كەنت، 1 مىليون 627 مىڭ 500 ئېغىر نامرات نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قۇملىشىش ئېغىر رايوندا ياشايدۇ.
    ئاپتونوم رايونلۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۆللۈكنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، چۆللۈك ئېكولوگىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى جەنۇبىي شىنجاڭ ئورمانچىلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيە بىلەن كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېشىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرىمىز.
    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ‹‹13 – بەش يىل››دا، دۆلەت شىنجاڭغا 22 مىليون 500 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراقنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋەزىپىسىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە 13 مىليون 476 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ۋەزىپىنىڭ %57.57ى ئورۇندالغان. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، يەنە ھۆكۈمەت يېتەكلەش، كارخانىلار تۈرتكە بولۇش، كۆپ سۇبيېكتلار قاتنىشىش، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇش ئەندىزىسى شەكىللەنگەن.
    تۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، ئېكولوگىيە ئورمىنى بىلەن ئىقتىسادىي ئورماننىڭ نىسبىتىنى ئىلمىي ماسلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قوغداش بىلەن بىللە، ئورمانچىلىق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە تەڭ ئېتىبار بەردى.
    ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىدىن سەككىز كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىھاتە ئورمىنى يېشىل توسۇققا ئوخشاش بوستانلىق بىلەن قۇملۇقنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ، مۇشۇ بوستانلىققا 10 مىڭ مو ئورگانىك باغ-ئورمان بازىسى جايلاشقان. نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەر ئونسۇ ناھىيە بازىرى ۋە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى قۇم-بوران مەنبەسى ئىدى. قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراق زامانىۋى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ياخشىلىنىپ، چۆل – جەزىرە ئېكولوگىيە توسۇقىغا ئۆزگىرىپلا قالماي، يەنە ئەلا سۈپەتلىك مېۋە – چېۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىي ماكانىغا ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ‹‹خەزىنە››سىگە ئايلاندى. ھازىر بۇ يەردىكى تاۋار چىلاننىڭ مو بېشى ھوسۇلى 1600 كىلوگىرامغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
    تۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: باغنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان تېرەك، توغراق قاتارلىق ئېكولوگىيە ئورمىنى يېشىل توسۇق بەرپا قىلغانغا باراۋەر بولۇپ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاپەت ئازايدى، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلىمۇ ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تېخى ئېچىپ پايدىلانمىغان قۇملۇق يەرگە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىش نۇقتىسى قۇرۇپ، ھەر بىر ئائىلىدە بىردىن پارنىك، ھويلا ۋە نەچچە مو مېۋىلىك باغ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆيگە، كەسىپكە، بېيىش يولىغا ئىگە قىلدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى