تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۈچ ئەۋلادنىڭ «كىتاب ئۆيى» ئارزۇسى

  1980 – يىلى، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغ بولۇپ، ئائىلىمىزدە چوڭ ئىش يۈز بەردى: بىز يېڭى سېلىنغان بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق. يېڭى سېلىنغان ئاشۇ ئۈچ قەۋەتلىك كۈل رەڭ بىنا گويا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قۇرۇلۇشتەك بىلىندى، ئەتراپىدىكى پاكار كەپە ئۆيلەر كۆزۈمگە تېخىمۇ كۆرۈمسىز كۆرۈندى. نەچچە يىلدىن كېيىن ئانام مۇنداق دېگەنىدى: يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە خۇشاللىقتىن نەچچە كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمىگەنىدى. ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق بىر ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىنىمدىن بەكلا قانائەتلەندىم.

  ئانامنى خۇشال قىلىپ، ئۇيقۇسىنى قاچۇرغان بىنا ئۆيمۇ ئەمەلىيەتتە 40 كىۋادرات مېتىر كەلمەيتتى. ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانا ئىدى. مېھمانخانىغا ئۇزۇنىسىغا بىر كارىۋات بىلەن تاماق شىرەسى قويۇلغانىدى، بۇ يەر ئائىلە ئەزالىرى تاماق يەيدىغان ھەم ئىنىم ياتىدىغان يەر ئىدى. مەن يەنە بىر كىچىك ئۆيدە ياتاتتىم، بۇ ئۆيگە پەقەت بىر كارىۋات بىلەن بىر ئۈستەللا پاتاتتى. ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بىر كىتاب جازىسى نىقتاپ قويۇلغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنى قۇرۇلۇش مەيدانىدىن تېرىپ كەلگەن ياغاچلاردىن ياسىۋالغانىدۇق. كىتاب جازىسىغا ئىنىم ئىككىمىزنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىمىز ۋە ئاشۇ يىللىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ‹‹يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن›› دېگەندەك كىتابلار تىزىلغانىدى.

  مەن مۇشۇ ئۆيدە ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىمنى ئۆتكۈزدۈم. ئۆينىڭ بۇلۇڭىدىكى كىتاب جازىسىنى مېنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيۈم›› دېسەممۇ بولاتتى. ئاشۇ ۋاقىتتا ‹‹كىتاب ئۆيى››نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا بىلمەيتتىم. بىر قېتىم دادامنىڭ ئۆز – ئۆزىگە ‹‹ئۆمرۈمدە كىتاب ئۆيۈمنىڭ بولۇشى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمتى›› دەپ پىچىرلاۋاتقانلىقىنى تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالغانىدىم. دادام ئىچ مىجەز ئادەم ئىدى، ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەۋىسى كىتاب ئوقۇش ئىدى. ئۇنىڭ ‹‹ئەتىۋارلىق›› كىتابلىرىنىڭ كۆپىنچىسى كارىۋات ئاستىغا قويۇقلۇق ئىدى، ئاز بىر قىسمىنى مېنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيۈم››دىكى ئاشۇ كىتاب جازىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىدىكى ئىككى رەتكە تىزىپ قويغانىدى. ئۆيىمىز مۇشۇنچىلىك بولغاندىكىن شۇنداق قىلماي ئامال يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا ماڭا دادامنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيى›› ئارزۇسى مەڭگۈ رېئاللىققا ئايلانمايدىغان چۈشتەك تۇيۇلاتتى.

  1993 – يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىنىمگە ئۈچ يىل بولغاندا زىيالىيلار سىياسىتى ئەمەلىيلىشىشكە باشلىدى. دادام ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئۇنۋان تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەندە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي ئۇنۋانلىق زىيالىي بولدى. بىز زىيالىيلار بىناسىغا كۆچۈپ كىردۇق. 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي ئەينى ۋاقىتتىكى ھەشەمەتلىك داچا ھېسابلىناتتى. ‹‹ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق كاتتا ئۆيدە ئولتۇرۇشۇمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن›› ئانامنىڭ ئاغزى يۇمۇلماي كۈلەتتى. ئۈچ ھۇجرا، ئىككى مېھمانخانىلىق ئۆي ئىنىم ئىككىمىزنى ئاخىر مۇستەقىل ھۇجرىغا ئىگە قىلغانىدى. ئەمما دادامنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيى›› ئارزۇسى يەنىلا روياپقا چىقمىدى. ئۆي چوڭ بولغاچقا دادام ئۆيگە ھەقىقىي كىتاب جازىسىدىن بىرنى ئەكىردى، كىتاب جازىسى قېنىق قەھۋە رەڭگىدە سىرلانغانىدى، ئۈستى ئۈچ قەۋەت بولۇپ، ھەممىسىگە ئۆتۈشمە ئەينەك ئورنىتىلغانىدى. دادام كارىۋات ئاستىدا توپا – چاڭ بېسىپ كەتكەن ‹‹ئوكيانۇس››، ‹‹كاڭشى چوڭ لۇغىتى››، ‹‹قەدىمكى خەنزۇ تىلى››، ‹‹تارىخنامىدىن پارچىلار›› قاتارلىق كىتابلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ، پاكىز سۈرتۈپ يېڭى كىتاب جازىسىغا تىزدى. ئۇ، بوش ۋاقىتلىرىدا كىتاب جازىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزى ساقلىغان كىتابلارغا قاراپ ئۈن – تىنسىز ئولتۇرۇپ كېتەتتى. كۆزلىرىدىن بىر خىل خۇشاللىق ۋە بىلىنەر – بىلىنمەس مەغرۇرلۇق چىقىپ تۇراتتى. شۇ چاغدا مەن كىتابنىڭ دادامغا بولغان ئەھمىيىتىنى ھەم ‹‹كىتاب ئۆيى››نىڭ بىر كىتابخۇمار ئادەمگە نىسبەتەن روھىي باغچىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنىدىم.

  نەچچە يىلدىن كېيىن ئىنىم ئىككىمىز ئارقا – ئارقىدىن توي قىلىپ مۇستەقىل ئائىلە قۇردۇق. دادام ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئۆيدە پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە بولغان بوشلۇققا ئېرىشتى. ‹‹بېخىل›› دادام 700 يۈەن ‹‹زور مەبلەغ›› سېلىپ چوڭ ھەم كۆركەم كىتاب جازىسى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنى پۈتۈنلەي كىتاب دۇنياسىغا شۇڭغۇتتى. دادام 20 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرى تۇغۇلغانىدى، ئۇنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيى›› ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇنىڭ يېشى ئاللىقاچان 60تىن ئاشقانىدى.

  مەن 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى تۇغۇلغانىدىم، ياشلىق دەۋرىمنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىگە توغرا كەلگەنلىكى مېنىڭ بەختىم ئىدى، چۈنكى مەن دادامدىنمۇ تەلەيلىك ئىدىم. 1996 – يىلى توي قىلىپلا بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم. ئۆي تەخمىنەن 40 نەچچە كىۋادرات مېتىر كېلەتتى، ئىككى ھۇجرا، بىر مېھمانخانىسى بار ئىدى. مېھمانخانىدا تاماق يەيتتۇق، كەچتە مېھمانخانىدىكى ئىككى – ئۈچ كىۋادرات مېتىر بوشلۇق مېنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيۈم››گە ئايلىناتتى، شىرەنى ئالدىمغا تارتىپ ماقالە يازغاندا، زادى بىر كىتاب جازىسىمۇ قويالمامدىم، دېگەنلەرنى ئويلىغاچ تۆت ئەتراپىمغا گۇمان بىلەن قاراپ قوياتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ئەينى يىللاردىكى دادامغا ئوخشاش ‹‹كىتاب ئۆيى››گە ئىگە بولۇشنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلىدىم.

  2000 – يىلى ئىدارە ئۆي ئىسلاھاتى قىلىپ، مەبلەغ توپلاپ ئېگىز قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي سالدى. ئۇ چاغلاردا توي قىلغىنىمغا ئانچە ئۇزاق بولمىغاچقا، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز ئىدى. ئەمما بانكىدىن ئاسانلا قەرز ئېلىپ ھازىرقى ئۆيۈمنى سېتىۋالدىم. يېڭى ئۆي 130 كىۋادرات مېتىر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتتا بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولۇمغا ئالغان ئاشۇ كۈنى يېڭى ئۆيگە كىرىپلا ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى، مېھمانخانا ھەم ئۈچ ھۇجرا ئۆينى قايتا – قايتا كۆرۈپ، بىر – بىرلەپ ساناپ چىققانىدىم. مېھمانخانا ماڭا بىر كىچىك مەيداندەكلا بىلىنگەنىدى. ئاشخانا بىلەن ھۇجرا ئۆي ئارىلىقىدا بىر كارىدور بار ئىدى. دادام، ئاناملارنى ئۆينى ‹‹كۆزدىن كەچۈرۈشكە›› تەكلىپ قىلدىم. ياشانغان ئىككىيلەن ئۆيگە كىرىپ، قايسى تەرەپ شەرق، قايسى تەرەپ غەرب ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. ئانام ‹‹بۇ نەچچە ئېغىزلىق ئۆي، مەن ساناپ بولالمىدىم›› دېدى. دادام ئۆينىڭ ئىچىنى ئۈن – تىنسىز بىر ئايلىنىپ چىقىپ، كۈنگەي تەرەپتىكى بىر ھۇجرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ‹‹بۇ ئۆينى كىتاب ئۆيى قىلساڭ بولغۇدەك، مۇھىت تىنچ بولسا ياخشى ماقالە يازالايسەن›› دېدى. مەن خۇشاللىقىمدا ‹‹مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان›› دېسەم، دادام كۈلۈپ تۇرۇپ چىن يۈرىكىدىن ‹‹سىلەر بۇ ئەۋلاد ھەقىقەتەن بەختلىك جۇمۇ›› دېدى. شۇ يىلى مېنىڭ يېشىم ئەمدىلا 30دىن ھالقىغانىدى، مېنىڭ ‹‹كىتاب ئۆيى›› ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقانىدى.

  مەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندە قىزىم تېخى تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ يەسلىدە ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ‹‹كىتاب ئۆيى›› راسلاپ بەرگەنىدىم. ئازادە مۇھىت، كىچىك كىتاب جازىسى، كومپيۇتېر، رەسىملىك كىتاب كۆرىدىغان كىچىك كىتاب ئۈستىلى... قىسقىسى قىزىم ‹‹كىتاب ئۆيى››نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ كىتاب ئۆيىگە ئېرىشكەنىدى. ئەمەلىيەتتە 90 – يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلار ئۈچۈن ‹‹كىتاب ئۆيى›› بولۇش ھەرگىز چۈش ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ئۇلار تۇغۇلۇپلا ماددىي بايلىققا تولغان تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ.

  دەۋرنىڭ پەرقى تۈپەيلى ھەر بىر ئادەم ئوخشىمىغان تۇرمۇشنى بېشىدىن كەچۈردى. بىر ئېغىزلىق ‹‹كىتاب ئۆيى›› بولۇش دادامنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇسى بولغان بولسا، ماڭا كەلگەندە ‹‹كىتاب ئۆيى›› بولۇش ئاسان ئىشقا ئاشىدىغان ئارزۇ بولۇپ قالدى. قىزىمغا نىسبەتەن بۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتەكلا ئىدى. دادام ھاياتىدا بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتكەن تۇرمۇشىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، قىزىمدەك بۇ بىر ئەۋلادلار نامراتلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت كىتابتىن ئوقۇپ ئاران چۈشىنەلەيدۇ.

  40 يىل، ئۈچ ئەۋلاد، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى... يېقىندىن بۇيان، دوستلىرىمنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان بېزەك ‹‹كىتاب ئۆيى››لىرىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ ئەشۇنداق بېزەك ‹‹كىتاب ئۆيۈم››نىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم: قېرىغاندا دېڭىز بويىدا ئۆيۈم بولسا، كىتاب ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسى دېڭىزغا قاراپ تۇرسا، سالقىن دېڭىز شامىلى گۈل – چېچەكلەرنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كىتاب ئۆيۈمگە كىرسە...

ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى