تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

‹‹جىڭگاڭشەندىكى ئۇنتۇلماس قەھرىمان، خەلق قەلبىدىكى ئۆچمەس تۆھپىكار››

  جىڭگاڭشەن مەزگىلىدىكى داڭلىق ھەربىي قوماندان خې تىڭيىڭ

  شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشەن تېغى شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان نەنجېڭ رايونى خېجياۋەن كەنتى ياپيېشىل بامبۇكلار بىلەن قاپلانغان كىچىك تاغلىق كەنت بولۇپ، بۇ جىڭگاڭشەن مەزگىلىدىكى داڭلىق ھەربىي قوماندان خې تىڭيىڭنىڭ يۇرتى ئىدى.

  خې تىڭيىڭ 1905 – يىلى 5 – ئايدا شەنشى نەنجېڭدا تۇغۇلغان. 1920 – يىلى، خەنجۇڭ بىرلەشمە ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ئۇ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، ‹‹ئالغا كىتاب ئوقۇش ئۇيۇشمىسى››نى قۇرۇپ، ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى ــــ ‹‹بەيخۇا›› ئۇسلۇبىدا باشلامچىلىق بىلەن ماقالە يازغان. 1923 – يىلى، خې تىڭيىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ، نەنجېڭدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان. ئۇ شۇ جايدىكى مىللىي روھنى يوقاتقان، ئۈمىدسىزلىككە تولغان بىر قىسىم كىشىلەرنى كۆرۈپ:

  ‹‹چېچىلىپ تۇرسا قۇملار ھەممە ياق،

  ھارارىتى پەقەت بەش مىنۇت بىراق!

  مۇنقەرىز بولامدۇ ۋەتىنىم جۇڭگو،

     كېچىدە يانماقتا دىلدا دەرد – پىراق››، دەپ شېئىر يازغان.

  خې تىڭيىڭ 1924 – يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شاڭخەي داتۇڭ داشۆسىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ھەم شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنقىلابىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. 1925 – يىلى 5 – ئايدا، ‹‹30 – ماي›› ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. كېيىن، ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ نەسىھەتىگە قارىماي، شاڭخەي داشۆسىنىڭ سوتسىيولوگىيە فاكۇلتېتىغا ئالمىشىپ، ئىنقىلاب نەزەرىيەسىنى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشىنى توسۇغان ساۋاقدىشى زو مىڭغا يازغان خېتىدە: ‹‹لوگارىفما جەدۋىلىدىن دۆلەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ ياخشى چارىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ، سىزغۇچقا تايىنىپ ياۋۇز چىلبۆرىلەرنى قوغلاپ چىقارغىلى بولمايدۇ››، دېگەن ھەم:

  ‹‹نەنجىڭ يوللىرى قانغا لىق تولدى،

  تاجاۋۇز قىلىشقاچ جۇڭگوغا يۈز يىل،

  چەكسىز غەزەپكە تولدى بىلسەڭ، دىل.

  دوكتورمۇ بولمايمەن كەچتىم ئۇنىڭدىن،

     بولغۇم بار ئىنقىلابقا ئەسكەر يېڭىدىن...››، دەپ شېئىر يازغان. شۇ يىلى قىشتا، خې تىڭيىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1926 – يىلى يازدا، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خې تىڭيىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىدە تۈەن يېتەكچىسى بولۇپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1927 – يىلى، ‹‹15 – ئىيۇل››دا ۋاڭ جېڭۋېي ئىنقىلابقا ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلاتى خې تىڭيىڭنى يەنە سابىق ۋۇخەن ھۆكۈمىتى مۇھاپىزەت تۈەنىنىڭ كادىرلار ليەنىگە پارتىيە ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتكەن. شۇ يىلى 9 – ئايدا، تۈەنجاڭ لۇ دېمىڭنىڭ باشلامچىلىقىدا، خې تىڭيىڭ خۇنەن – جياڭشى چېگراسىدىكى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، ئىشچى – دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 1 – تۈەن 1 – ليەنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان، 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سەنۋەن قوشۇن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشتە، 1 – تۈەن 3 – يىڭنىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولۇپ، قىسىمغا ئەگىشىپ جىڭگاڭشەنگە قاراپ يولغا چىققان. 10 – ئاينىڭ 23 – كۈنى، جىڭگاڭشەنگە يۈرۈش قىلىش يولىدا دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈەن باش ئىشتابى ۋە 1 – يىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. خې تىڭيىڭ ۋە يىڭجاڭ جاڭ زىچىڭ قىسىمنى باشلاپ چالىڭ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلغان ھەم چالىڭ ناھىيەسى ئىشچى – دېھقان – ئەسكەرلەر ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى تەن جېنلىن بىلەن كۆرۈشكەن، شۇ يىلى 12 – ئايدا، قىسىمنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە چىققان، ئارقىدىن خې تىڭيىڭ 1 – تۈەننىڭ پارتىيە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، خې تىڭيىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي بازىسىنى ئېچىش كۈرىشىگە قاتناشقان.

  1928 – يىلى 4 – ئايدا، جۇ دې، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىك قىلغان ئىككى تارماق قىزىل قوراللىق كۈچ جىڭگاڭشەندە غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 4 – جۈنىنى قۇرغان، ئۇنىڭ قارىمىقىدا تۆت تۈەن بولۇپ، جۇ دې جۈنجاڭ، ماۋ زېدۇڭ پارتىيە ۋەكىلى، چېن يى سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى، ۋاڭ ئېرجو ئىشتاب باشلىقى، قوشۇمچە 28 – تۈەننىڭ تۈەنجاڭى، خې تىڭيىڭ 31 – تۈەننىڭ پارتىيە ۋەكىلى بولغان. ماۋ زېدۇڭ، جۇ دېنىڭ رەھبەرلىكىدە، خې تىڭيىڭ قىسىم باشلاپ لۇڭيۈەن ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلىش، يۇڭشىنچېڭ شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا ئارقا – ئارقىدىن قاتناشقان. ئۇ سىياسىيدا قەتئىي، ئۇرۇشقا ماھىر، قوماندانلىقتا كەسكىن بولغاچقا، جىڭگاڭشەن مەزگىلىدە ئارمىيەمىزدىكى داڭلىق ھەربىي قوماندان ۋە پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر كادىرىغا ئايلىنىپ، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي بازىسى قۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.

  1928 – يىلى 8 – ئايدىكى مەشھۇر خۇاڭياڭجېنى قوغداش ئۇرۇشىدا، خې تىڭيىڭ بىلەن تۈەنجاڭ جۇ يۈنچىڭ بىر يىڭغىمۇ يەتمىگەن ئەسكەرگە قوماندانلىق قىلىپ، خەلقنىڭ ماسلىشىشى بىلەن خەتەرلىك جايدا تۇرۇپ، خۇنەن – جياڭشى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ تۆت تۈەنىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن قىلغان ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، خۇاڭياڭجېنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جىڭگاڭشەن ئىنقىلابىي بازىسىنى قوغداپ قالغان. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ماۋزېدۇڭ ‹‹شىجياڭيۆ.جىڭگاڭشەن›› دېگەن شېئىرنى يازغان. 10 – ئايدا، خې تىڭيىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇنەن – جياڭشى چېگراسى پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھەم چېگرا پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى قىشتا، قىزىل ئارمىيە 28 – تۈەنىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى ۋە تۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن.

  1929 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، خې تىڭيىڭ ماۋ زېدۇڭ، جۇ دې، چېن يى رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيە 4 – جۈنىنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بىلەن بىللە جىڭگاڭشەندىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي جياڭشى، شەرقىي فۇجيەنگە يۆتكىلىپ ئۇرۇش قىلىپ، يېڭى بازا ئاچقان. 1 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، خې تىڭيىڭ جياڭشى دايۈ ئۇرۇشىدا ئېغىر يارىلىنىپ، يۆتكەش جەريانىدا يەنە دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بەختكە قارشى 24 يېشىدا قۇربان بولغان.

  ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەپ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، 1991 – يىلى 4 – ئايدا، نەنجېڭ ھۆكۈمىتى شەرقىي شەھەر رايونى ئەتراپىدا ئىنقىلابىي قۇربان خې تىڭيىڭنىڭ خاتىرە مۇنارىنى تىكلىگەن، ئابىدىنىڭ تېگىگە ‹‹قەدىمىي شەھەردىكى ئۆگىنىش دولقۇنى››، ‹‹نەنجىڭ يولىدا››، ‹‹جىڭگاڭشەنگە ئاتلىنىش››، ‹‹يۇڭشىندىكى زور غەلىبە››، ‹‹خۇاڭياڭجې›› دېگەن مىسرالار مىستىن قاپارتما نەقىش قىلىپ چاپلانغان بولۇپ، ئابىدىنىڭ ئۈستىگە ‹‹ئىنقىلابىي قۇربان خې تىڭيىڭ مەڭگۈ ھايات›› ۋە ‹‹جىڭگاڭشەندىكى ئۇنتۇلماس قەھرىمان، خەلق قەلبىدىكى ئۆچمەس تۆھپىكار›› دېگەن ئالتۇن ھەل بېرىلگەن چوڭ خەتلەر ئويۇلغان.

  ھازىر، ھەر يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، خەنجۇڭ شەھىرى ئىنقىلابىي قۇربان خې تىڭيىڭ خاتىرە مەيدانىدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. 2017 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، يېڭىدىن رېمونت قىلىنغان ئىنقىلابىي قۇربان خې تىڭيىڭنىڭ بۇرۇنقى ئۆيى كۆرگەزمىخانا قىلىنغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەردە كېيىنكى ئەۋلادلارغا داۋاملىق قىزىل ھېكايە سۆزلەپ بېرىلىۋاتماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى