تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يېزىدا جانلانغان ‹‹ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش›› دەرسخانىسى

     6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، شۈ ۋېيۋېي بالىلارغا سۇ بوياق رەسىم سىزىشنى ئۆگەتمەكتە.

  6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، شىخو شەھىرىنىڭ چىگىشور ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە خالىگەنبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى شۈ ۋېيۋېي بالىلارنىڭ سۇ بوياق رەسىم سىزىش ماھارىتىنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

  شۈ ۋېيۋېي شىخو شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى. 2017 – يىلى 3 – ئايدا، ئۇ، بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە كەلگەندىن بۇيان، كەنتتىكى بالىلارنىڭ سەنئەت تۈرى بويىچە تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ، كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىدا ‹‹ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش›› دەرسخانىسى ئاچتى. بىر يىلغا يېقىن تىرىشىش نەتىجىسىدە، بۇ دەرسخانىنىڭ نامى چىگىشور بازىرىغا تارالدى. بۇ دەرسخانا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر نەچچە بالىلا بار ئىدى، ھازىر يېقىن ئەتراپتىكى كەنتلەردىن بولۇپ 40تىن ئارتۇق بالا بۇ سىنىپقا كېلىپ رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە بالىلارغا رەسىم سىزىش جازىسى، قەغەز، قەلەم، سۇ بوياق، ماي بوياق پەلكۈچ قاتارلىق رەسىم سىزىش بۇيۇملىرىنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بالىلار بۇ دەرسخانىدا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا تەپكۈچ تېپىش، ئارغامچا تاقلاش قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. شۈ ۋېيۋېي ھەمىشە مۇنداق دەيدۇ: بالىلار بىلەن بىرلىكتە رەڭدار، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى سىزىپ چىقىمىز، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە بالىلىق دەۋردىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. مېنىڭچە، بالىلارنى رەسىم سىزىشقا قىزىقتۇرۇش، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى.

  يازلىق تەتىل كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى پىلانلىرىنى تۈزۈپ بولدى. شىخو شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە خالىگەنبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: يازلىق تەتىلدە خىزمەت ئەترىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيە بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى خۇشال – خۇرام، بەختىيار، ساغلام يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

     6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، شۈ ۋېيۋېي بالىلارغا سۇ بوياق رەسىم سىزىشنى ئۆگەتمەكتە.

     6 – ئاينىڭ 2 – كۈنى، شۈ ۋېيۋېي بالىلارغا سۇ بوياق رەسىم سىزىشنى ئۆگەتمەكتە.

    ئوقۇغۇچىلار رەسىم سىزماقتا.

     خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جوۋ جىڭ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئوينىماقتا.

بالىلار ئويۇن ئوينىماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى