تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ھەر مىللەت كادىرلارنى باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھارماي–تالماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەيلى

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي سىياسىي پەزىلىتى ۋە ساپا تەلىپى، مەسئۇلىيەتنى قانچىكى كۆپ زىممىگە ئالغانسېرى، شۇنچىكى چوڭ نەتىجە ياراتقىلى، مەسئۇلىيەتنى قانچىكى كۆپ ئادا قىلغانسېرى، شۇنچىكى زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹<كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك زور تەدبىر بولۇپ، كەڭ كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، يېڭى دەۋرگە تەئەللۇق شانلىق نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تارقاتقان ‹‹<كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئائىت يولغا قويۇش پىكرى››دە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نىڭ پىرىنسىپ تەلىپى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، كادىرلارنى دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش جەھەتلەردىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، بىر قاتار تۈزۈم – ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى.

  كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى، كادىرلار قوشۇنىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشنىڭ ئىچكى تەلىپى، يېڭى تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ۋەزىپىسى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، نېگىزى كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىغا تايىنىشتا. بىز كادىرلارنىڭ دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ياراملىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە چوقۇم ئىشلەشكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭدا كادىرلارغا باھا بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ياخشى قىلىشنى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، نەتىجە يارىتىشىنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلارنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش، سادىق بولۇش، تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلاردىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش قىلىشنى خالايدىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئىش قىلالايدىغانلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلارغا ئورۇن ھازىرلاپ بېرىپ، كۈچلۈك، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش كېرەك.

  كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، چوقۇم دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا ھەقىقىي ئىلھام بېرىش، يار – يۆلەك بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىش قىلىشتا ھامان خەۋپ – خەتەر بولىدۇ، ھەربىر خىزمەتتە پەقەت غەلىبە قىلىمەن، مەغلۇپ بولمايمەن دېگەننىلا ئۈمىد قىلىشقا بولمايدۇ. خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا، بولۇپمۇ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىك، خاتالىقلىرىغا كەڭ قورساق بولۇپ، قىيىن ئىشتىن قاچمايدىغان، باتۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان كادىرلارغا ئىلھام بېرىش، يار – يۆلەك بولۇش كېرەك. ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق باشقۇرۇش، غەمخورلۇق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەم كادىرلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، تېخىمۇ كۆپ كادىر ئىختىساسلىقلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي يەڭنى تۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئىشلەشكە يېتەكلەش، ھەم مەسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇشنى ئىنتىزام قىزىل سىزىقى، قانۇن تۆۋەن چېكى ئىچىدە ئېلىپ بېرىپ، ئىش قىلىش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ قائىدە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت، قىلىدىغاننى قىلمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىدىغان كادىرلارنى قەتئىي يۆتكىۋېتىش كېرەك.

  كادىرلارنى يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋر تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئىقتىدارى، ماھارىتىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەش شەرت. غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

  ئىگىلىك تىكلەش تولىمۇ جاپالىق، كۈرەش قىلغاندىلا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىمىزنى قەتئىي قوراللاندۇرۇپ، كەڭ كادىرلارنىڭ دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ھەر تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادچانلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى