تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى ئايلىنىپ ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. شىنجاڭدا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى ئايلىنىپ ئۇچىدىغان تۇنجى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بىۋاسىتە قەشقەردىن ئۇچۇپ خوتەندىن ئۆتۈپ ئاقسۇغا بارالايدۇ، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان شىنجاڭ ئىچىنى ئايلىنىپ ئۇچۇش لىنىيەسى ۋە كېسىشمە لىنىيەسى بىلەن ئۆزئارا بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپىرىگە تېخىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بۇ قېتىم يېڭىدىن ئاچقان قەشقەر – خوتەن – ئاقسۇ لىنىيەسىدە كۈندە بىر قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىپ – كېلىپ قاتنايدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ ھەم 45 مىنۇت توختىغاندىن كېيىن، يەنە ئۇچۇپ سائەت 16دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ. قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 16دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، 17دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ، سائەت 18دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە ئۇچۇپ، سائەت 19دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ئايرودۇرۇمىغا قونىدۇ.

  ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەرلەر، بۇ ئۈچ جاي شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇب بۇرجىكىگە ‹‹品›› خېتى شەكلىدە جايلاشقان، ئۆزئارا ئارىلىقى 500 – 600 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سودا يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن سەپەر ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقاردى.

  بۇ يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئۈرۈمچى – خوتەن، ئۈرۈمچى – قەشقەر، قەشقەر – غۇلجا – ئالتاي، قەشقەر – شىخەنزە – جېڭجوۋ، قەشقەر – كورلا – شىئەن قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى كېسىشمە لىنىيەلىرى ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان لىنىيەلەر بىلەن بىر – بىرىنى تولۇقلاپ، شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى يەنىمۇ زىچلاشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى