تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىدا سېتىلىشى تېز بولدى

  90%تىن كۆپرەكى زاكاز ئارقىلىق سىرتقا سېتىلماقتا

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ۋاڭ خوۋيۈن، ۋاڭ جيەنچياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹مەن 30 مىڭ يۈەنلىك ئۆرۈك سېتىپ بولدۇم، قالغىنىنى 80 مىڭ يۈەنگە يېقىن ساتالايمەن، بۇ يىلقى كىرىمىم بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆرۈكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلارنى تېخىمۇ ياخشى ئاق كىشمىش ئۆرۈكى بىلەن تەمىنلەيمەن››. 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ قوشتۇر كەنتىدىكى باغۋەن قۇربان روزى ئەمگەكچىلەرنى ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى يىغىش، تەكشۈرۈپ ئايرىش، يەشىككە قاچىلاشقا تەشكىللەپ، ئۆرۈكلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  كۇچا ناھىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ۋاسىتىلىك رول ئوينىشى بىلەن، قۇربان روزىنىڭ 30 مو يەردىكى ئۆرۈكىنىڭ ھەممىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەر زاكاز قىلدى، ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسىمۇ ئون يۈەندىن 12 يۈەنگىچە بولدى، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆرۈكچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  كۇچا ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ئەنۋەر ھامۇت مۇنداق دېدى: كۇچا ناھىيەسىدە ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى يېتىشتۈرۈش 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ھازىر ئەلا سۈپەتلىك ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ كۆلىمى 95 مىڭ مو بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 30 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ، باغۋەنلەر ھەر مو يەردىكى ئۆرۈكتىن 8000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلالايدۇ، ئاق كىشمىش ئۆرۈكى كۇچا دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى باشلامچى مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

  كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل ھەر بىر تال ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى پۇختا يەشىككە قاچىلىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۆرۈكنىڭ ساقلاش مۇددىتىمۇ ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن خېلىلا ئۇزاردى. يەنە ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى سېتىش جەھەتتە ئۆلچەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ماركىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورالمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، باھانى بىرلىككە كەلتۈرۈش، سىرتقا سېتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ‹‹بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش››نى يولغا قويۇپ، باغۋەن بىلەن سودىگەرلەرگە ئادىل، تەرتىپلىك سودا سۇپىسى ھازىرلاپ، باغۋەنلەرگە مول ھوسۇل ئېلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنى يېيىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

  كۇچا ناھىيە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى شۈ خۇڭجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 5 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاق كىشمىش ئۆرۈكى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، بىز يەرلىكتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ۋە دېھقانلارغا ئۆرۈكنى سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى پائال ئۇقۇشۇپ بېرىپ، ئىلگىرى – كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ، خاڭجوۋ، نىڭبو قاتارلىق جايلارغا 50 نەچچە توننا ئۆرۈك سېتىپ، ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ سېتىلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردۇق.

  ئىگىلىشىمىزچە، 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن ھازىرغىچە، ھەر كۈنى ئايروپىلان ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكە بازارلىرىغا توشۇلۇۋاتقان ئاق كىشمىش ئۆرۈكى ئون توننا ئەتراپىدا بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭجوۋ، خاڭجوۋ، شېنجېن، چېڭدۇ قاتارلىق 40 نەچچە شەھەرگە سېتىلغان.

  كۇچا ناھىيەسى ئوچا بازىرى ئۆرۈكچىلىك جەمئىيىتى ‹‹ياخشى›› يەل – يېمىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئېزىز سەمەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆرۈك پىششىقى مەزگىلىدە، سىرتقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ خېرىدار ئۇقۇشۇپ، زاكاز ئىزدەيتتۇق، بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىدىكى سودىگەرلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزنى ئىزدىدى، ئۆرۈك باھاسىمۇ ئاۋۋالقى يىللاردىكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسىدىن كۆپ بولدى.

  ئەنۋەر ھامۇت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا كۇچا ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 18 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە بولدى، 6 – ئاينىڭ بېشىدا 15 يۈەندىن 16 يۈەنگىچە بولدى، ھازىر يەنە 18 يۈەنگە ئۆرلىدى. نۆۋەتتە، ناھىيەمىزدىكى ئاق كىشمىش ئۆرۈكىنىڭ %95ى زاكاز ئارقىلىق سىرتقا سېتىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى