تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۆت كىشىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

  ليۇ جىجۈن 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى مۇھىت تازىلىقى يولى تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى شىڭفۇتۈن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تاھىر ئەركىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئۇنىڭ دىمىقىدا گەپ قىلىشىدىن زۇكام بولۇپ قالغانلىقىنى پەملىدى ھەم دەرھال دورىخانىدىن زۇكام دورىسى سېتىۋېلىپ تاھىر ئەركىنگە يەتكۈزۈپ بەردى. 2016 – يىلى 11 – ئايدا، ئۇ تاھىر ئەركىننى ئوغۇل قىلىۋالدى، ليۇ جىجۈننىڭ تۆت كىشىدىن تەركىب تاپقان يېڭى ئائىلىسى بارغانسېرى ئىللىقلىققا تولدى.

  2016– يىلى 11 – ئايدا، تاھىر ئەركىن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا ئىشقا چۈشۈپ نەچچە ئاي بولمايلا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى باشلاندى. تاھىر ئەركىن خىزمەتداشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن 67 ياشلىق ليۇ جىجۈن بىلەن تۇغقانلاشتى. ليۇ جىجۈننىڭ ئوغلى ۋاڭ چېڭگاڭنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بولغاچقا، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم دىيالىز قىلدۇراتتى. ليۇ جىجۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىش تېپىپ ئىشلەۋاتاتتى. ئەر – ئايال ئىككىيلەننىڭ پېنسىيە مائاشى پۈتۈنلەي ئوغلىنىڭ داۋالىنىش چىقىمىغا كېتەتتى.

  تاھىر ئەركىن تۇغقىنى ليۇ جىجۈن ئائىلىسىدىكىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ۋاڭ چېڭگاڭ داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىغا بېرىپ، ۋاڭ چېڭگاڭنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش لايىھەسى ۋە داۋالاش خىراجىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ سىياسەت ئىمكانىيىتى دائىرىسىدە ۋاڭ چېڭگاڭغا تۆۋەن كاپالەت پۇلى ھەل قىلىپ بەردى، ئېغىر كېسەل ياردىمىدىن بەھرىلەندۈردى، يەنە ئۇنىڭغا سوزۇلما كېسەللىك دەپتىرى بېجىرىپ بەردى. كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ، ۋاڭ چېڭگاڭنى يېقىن ئەتراپتىكى نامراتلارغا ياردەم بېرىش دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىشقا يۆتكەپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن داۋالىنىش چىقىمىنى تېجەپ بەردى. تاھىر ئەركىن ۋاقتى بولسىلا پىكاپى بىلەن ۋاڭ چېڭگاڭنى داۋالاشقا ئاپىرىپ – ئەكەلدى، ۋاقتى قىس بولسىمۇ، ۋاڭ چېڭگاڭنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ – ئەكىلىشنى توختىتىپ قويمىدى. ئىككىيلەن كۆرۈشكەندە گېپى تۈگىمەيلا قالاتتى، ئۇلار ھەر خىل تېمىلاردا پاراڭلىشاتتى، بەزىدە تەسىرلىك ئىشلارنى ئەسكە ئالغاندا، بۇ ئىككى ئەرنىڭ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش كېلەتتى.

  بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى كەچ، سىرتتا قېلىن قار يېغىۋاتاتتى، ۋاڭ چېڭگاڭنىڭ ئاشخانا ئۆيىگە سۇ ئۆتۈپ كېتىپ، سۇ يىغىلىشقا باشلىدى. ۋاڭ چېڭگاڭ ئامالسىز تاھىر ئەركىنگە تېلېفون قىلدى. ۋاڭ چېڭگاڭ شۇ چاغنى ئەسلەپ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا سەھەر سائەت 1دىن ئاشقانىدى، ئىنىمغا تېلېفون قىلىۋېدىم دەرھال يېتىپ كەلدى، ئۇ سۇنى كېچىپ تۇرۇپ داس بىلەن سۇنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تۆكتى، قوشنىمىز لۇ ئۇستام بىلەن بىللە ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئىگىسىنى تېپىپ كېلىپ، يېرىلىپ كەتكەن سۇ تۇرۇبىسىنى ئوڭشىدى.

  ليۇ جىجۈن ‹‹ئوغلى›› تاھىر ئەركىننى تىلغا ئېلىپ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ئوغلۇم كەم سۆز، ئۇنىڭ نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى قولۇم – قوشنىلاردىن ئاڭلىدىم. ئۇ باشلامچىلىق بىلەن يول ياساپتۇ، جېدەل – ماجىرالارنى ھەل قىپتۇ، ياشانغانلار ۋە كىچىكلەرگە ياردەم بېرىپتۇ... دەرۋەقە، مەھەللىدە تاھىر ئەركىننىڭ سىيماسىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ، نەدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇ شۇ يەردە بىردەمدىلا پەيدا بولىدۇ.

  ليۇ جىجۈن ئائىلىسىدىكىلەر تاھىر ئەركىننىڭ ياخشىلىقىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلاپ كەلگەچكە، ليۇ جىجۈن خوتۇنى بىلەن بىللە دائىم مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ تاھىر ئەركىننى يوقلاپ تۇردى. تاھىر ئەركىن مۇنداق دېدى: بىر قېتىم ھاممام كەيپىياتىمنىڭ ناچارلىقىنى سېزىپ، تەسەللى بەردى ھەم يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق، دەپ ماڭا مەدەت بەردى. ھەر قېتىم ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى دەۋالسام، بۆلەكچىلا يېنىكلەپ قالىمەن. بەزىدە ئۇنى ئۆز ئانامدىنمۇ بەكرەك مېھرىبان ھېس قىلىمەن. بىر قېتىم بىر خىزمەتدىشىم پۇتىنى قايرىۋالغانىدى، ھاممام چۈشتە مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ، خىزمەتدىشىمنىڭ پۇتىغا دورا سۈرتۈپ ئۇۋۇلاپ قويدى، ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ھەممىمىز ناھايىتى تەسىرلەندۇق. ئۇنىڭدەك يەنە بىر ئانامنىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.

  ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۇرۇق – تۇغقاندەك بىللە ئۆتۈش جەريانىدا، ئۇلار ئۆزئارا چۈشەندى، ئۆزئارا مەدەت بەردى، ئۆزئارا ياردەم بەردى، تۆت كىشىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئېجىل – ئىناق ئائىلە بارلىققا كەلدى، تاھىر ئەركىن ۋە ليۇ جىجۈن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېكايىسى يەنە داۋاملاشقۇسى....

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى