تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا ‹‹<كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئائىت يولغا قويۇش پىكرى›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، بىر قاتار تۈزۈم – ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر مىللەت كادىرلارنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنى ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››ىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا، ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› تۈزۈپ چىقىلدى.

  ‹‹يولغا قويۇش پىكرى››دە مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دىققەتنى ھەرۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ كەڭ كادىرلارنى دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇش؛ كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كادىرلارغا ھەقىقىي تىرەك بولۇش؛ كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ماھارەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەش؛ كادىرلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەمخورلۇق قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈش؛ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى