تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

مەركەز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

چېن چۈەنگو، جاۋ كېجى، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا، لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جاۋ كېجى 6–ئاينىڭ 11–كۈنىدىن 15–كۈنىگىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

   جاۋ كېجى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 14–شىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورۇنلىرى ۋە چېگرا 1–سېپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم كۆپ مەيدان سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر–تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

   تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 6–ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، شىنجاڭدا ئومۇمىيەت مۇقىم، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، يۈزلىنىشى ياخشى بولغان ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ دانا، توغرا بولغانلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن بولغان. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىمىز.

   جاۋ كېجى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە زور تۆھپە قوشۇلدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق–مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرۇشتا، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن–ئاخىر چىڭىتىپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىكمە مۇشتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن، خەلق ‹‹ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن›› خىزمەت مېخانىزمىنى، ئىستېرېئولۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېگرا باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەيدىغان پولات ئىستىھكامنى ھەقىقىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ، تىنچ شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزام قاتتىق بولۇش تەلىپىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولغان، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەخسۇس خادىمى ليۇ يۆجىن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ليۇ جىچياڭ ئالاقىدار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى