تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەشكۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك

تەبرىك خېتى

   خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! گېزىتخانىدىكى بارلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

   خەلق گېزىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق گېزىتى سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى قىزغىن خەۋەر قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شانلىق تارىخ ياراتتى.

   ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. خەلق گېزىتى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق ۋە خەۋەر قىلىشنى ياخشىلاپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەممە تاراتقۇغا تارقىتىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىككى ‹‹100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك!

شى جىنپىڭ                 
                                                        2018–يىلى 6–ئاينىڭ 15–كۈنى
                  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 15–كۈنى تېلېگراممىسى)
                                                       

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 15–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، خەلق گېزىتىدىكى بارلىق ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋە دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

   شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق گېزىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق گېزىتى سىياسىيونلار گېزىت چىقىرىش ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى قىزغىن خەۋەر قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەر قايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شانلىق تارىخ ياراتتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. خەلق گېزىتى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق ۋە خەۋەر قىلىشنى ياخشىلاپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەممە تاراتقۇغا تارقىتىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈپ، تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئىككى ‹‹100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   خەلق گېزىتخانىسى 6–ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق گېزىتى نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرىنى زورايتىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتىنى تارقىتىپ، يېڭى دەۋرنى تەشۋىق قىلىش، يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش، يېڭى دەۋرنى كۈيلەشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەك.

   يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، خەلق گېزىتخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پېشقەدەم ئىشچى–خىزمەتچىلەر، ياش مۇخبىر ۋە مۇھەررىرلەر ۋەكىللىرى ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

   خەلق گېزىتى 1948–يىلى 6–ئاينىڭ 15–كۈنى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ پىڭشەن ناھىيەسى لىجۇاڭدا تۇنجى نەشر قىلىنغان. 1949–يىلى 8–ئاينىڭ 1–كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى خەلق گېزىتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى قىلىشنى قارار قىلغان. 70 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق گېزىتخانىسى ھازىر گېزىت، ژۇرنال، تور بېكىتى، ئوقۇرمەنلەر تېرمىنالى قاتارلىق ئون نەچچە خىل ۋاسىتىگە، 400 دىن ئارتۇق تارقىتىش تېرمىنالىغا ئىگە بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 786 مىليونغا يەتتى.


          
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.