تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى

شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭىز خىل قوشۇنى، كۈچلۈك قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى.
  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.
   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى.
   سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مەلۇم چۆكمە پاراخوت قىسىمىغا كېلىپ، چۆكمە پاراخوتقا چىقىپ، پاراخوت خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىنەندە شەندۇڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭ ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 6–ئاينىڭ 15–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن كېيىن شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، قانۇن ئارقىلىق ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭىز خىل قوشۇنى، كۈچلۈك قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

   يازدىكى چىڭداۋ قىزىل كاھىش، ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان بولۇپ، مەيىن دېڭىز شامىلى چىقىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ سائەت 15 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەلۇم چۆكمە پاراخوت قىسىمىغا كېلىپ، ئالدى بىلەن قىسىم قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ھەربىي پورت پىرىستانىدا، يېقىندىلا نەنخەي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز ھەربىي پاراتىغا قاتناشقان مەلۇم يېڭى تىپتىكى چۆكمە پاراخوت بار ئىدى، پاراخوتتىكى بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، پاراخوت خادىملىرى پاراخوتتا رايونلار بويىچە تىزىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ چۆكمە پاراخوتقا چىقىپ، پاراخوت خادىملىرىنىڭ ئارىسىغا كەلدى. شى جىنپىڭ يىل بويى چوڭقۇر دېڭىز، ئوكيانلاردا كۈرەش قىلىۋاتقان چۆكمە پاراخوتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ غېمىنى يېدى، ئۇ ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىيلىك بىلەن سورىدى. شى جىنپىڭ ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنىڭ ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، بوران–چاپقۇنغا قارىماي جەڭ قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تولۇق ئورۇندىغانلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى. شى جىنپىڭ پاراخوت بۆلۈمچىسىگە چۈشۈپ، جەڭ قىلىش ئورنىغا كىرىپ، قورال، ئوق–دورىلارنىڭ تېخنىكىلىق، تاكتىكىلىق ئىقتىدارىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنى غايە–ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، كۈچلۈك كوللېكتىپ قۇرۇپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى. شى جىنپىڭ چۆكمە پاراخوت توختاش ئورنىدىكى كۈندىلىك خاتىرىگە تەنتەنىلىك ئىمزا قويدى. شى جىنپىڭ پىرىستاندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يېقىن ئەتراپقا توختىتىپ قويۇلغان يەنە بىر چۆكمە پاراخوتنىڭ يېنىغا ئالايىتەن بېرىپ، رەتلىك تىزىلىپ تۇرغان ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

   شى جىنپىڭ ئۇنىۋېرسال تەقلىد قىلىش بىناسىدا چۆكمە پاراخوت قىسىمىنىڭ مەشىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. تەقلىدىي مەشىق قىلىش ئەسلىھەلىرى قانداق؟ ئېھتىياجنى قاندۇرالامدۇ–يوق؟ ئەمەلىي قىيىنچىلىق بارمۇ–يوق؟ شى جىنپىڭ ماڭغاچ كۆرۈپ، ناھايىتى تەپسىلىي سورىدى. مەشىق ئەسلىھەلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدار پارامېتىرىغا نىسبەتەن ياخشى تەقلىد قىلىنغانلىقى، ئوفىتسېر– ئەسكەرلەرنىڭ بۇ يەردە ياخشى مەشىق قىلالايدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇش بولدى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە مەشىق شارائىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قىسىملارنىڭ مەشىق قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇشنى تاپىلىدى. سونارلىق ئاۋاز ئاڭلاش مەشىقى بۆلۈمىدە ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر جىددىي ھالدا سونارلىق ئاۋاز ئاڭلاپ پەرقلەندۈرۈش مەشىقى قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ نەق مەيداندا سوئال سورىدى، ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر ئاكتىپلىق بىلەن جاۋاب بەردى. شى جىنپىڭ بىر ئەسكەرنىڭ بەرگەن جاۋابىنىڭ ناھايىتى توغرىلىقىنى كۆرۈپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئۇنى ماختىدى.

   شى جىنپىڭ چۆكمە پاراخوت قىسىمىدىن ئايرىلىپ، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنىغا كەلدى، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىدىكى مۇئاۋىن شىجاڭ ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

   ئارقىدىن شى جىنپىڭ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەربىي ئىشلار كۈرىشى تەييارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇش قىلىش پىلانى تۈزۈش، كۈچ ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشى، قوماندانلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد ھەربىي تەلىم–تەربىيە نىزامى ۋە ھەربىي تەلىم–تەربىيە پىروگراممىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەشىق سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، مەشىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەشىق نازارەتچىلىكىنى چىڭىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي تەلىم، ھەربىي ماھارەت سىنىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قاراتمىلىق مەشىق، ئەمەلىي دېلولاشتۇرۇلغان مەشىق، كوماندىرلار مەشىقى، ھەربىي ئىشلار كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدىكى ھەربىي تەلىمنى كۈچەيتىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنىڭ پايدىلىق شارائىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭگىۋار جەڭ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، جەڭ قىلغۇچى قىسىمنىڭ ئىدىيەسىنى كۈچەيتىشنى چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمى خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق تەلەپنى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىسىم ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ياخشى ماسلىشىپ، ياخشى ھەمكارلىشىپ، تۈزۈم مېخانىزمى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىنەندە شەندۇڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ مۇئاۋىن شىجاڭ ۋەزىپىسىدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

   شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.                                  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.