تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 15–كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 15–كۈنى كېلىشكىنى بويىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى جۇڭگودىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى تېخى يېقىندىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇردى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىمىزنى، جۇڭگو–رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇھىم مەزگىلدە، ئىككىيلەن ھەرۋاقىت ئالاقىنى ساقلاپ كەلدۇق، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىر–بىرىنى مۇستەھكەم، مۇقىم تايانچ ھېسابلاپ، بىر–بىرىنى قەتئىي كۈچلۈك قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى، رايوننىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغدىدى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو–رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق سىجىل، مۇقىم، يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشنى خالايمەن.

   شى جىنپىڭ رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىلىك باشلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى ئاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

   پۇتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن جۇڭگو–رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاقلىقلارنى ھاسىل قىلدۇق. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان شەخسىي دوستلۇقۇمنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن داۋاملىق زىچ ئالاقە قىلىشنى خالايمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە سەمىمىي تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.


                         

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.