تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسى كونسپىكى(2018–يىللىق نەشرى)›› نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ تۈزگەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسى كونسپىكى (2018–يىللىق نەشرى)›› ناملىق كىتاب خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.

   شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسى  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار مول ئىجادىيلىققا ئىگە يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئائىت بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇملۇققا ئىگە چوڭ–چوڭ مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ تارىخىي يۆنىلىشى، مەسئۇلىيىتى، بۇرچى، فاڭجېنى، پىرىنسىپى قاتارلىق زور تېمىلارنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي، سىستېمىلىق ئاخبارات ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىللەردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئاخبارات ئىدىيەسى بىلەن يىلتىزداش ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن بولۇپ، ماركسىزملىق ئاخبارات نەزەرىيەسىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىلمىي قوللانما، تۈپ مىزان.

   ‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسى كونسپىكى (2018–يىللىق نەشرى)›› دا، شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىك، نوپۇزلۇق، قاراتمىلىق، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە، بۇ كىتاب ئاخبارات سېپىدىكىلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشىدىكى مۇھىم كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى ھېسابلىنىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.