تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

   شى جىنپىڭ شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.
   سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جىنەن شەھىرىنىڭ جاڭچيۇ رايونى شۇاڭشەن كوچا باشقارمىسى سەنجيەنشى كەنتىدە بۇ كەنتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى.
   سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، «جۇڭجى» گۇرۇھى لەيفۇشى دېڭىز-ئوكيان قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى يەنتەي بازىسىدا يامغۇرغا قارىماي دېڭىز- ئوكيان قۇرۇلۇشى ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇش بازىسىنى تەكشۈردى ھەم نەق مەيداندىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جىنەن، 6–ئاينىڭ 14–كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەندۇڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەقىقىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

   باش يازدىكى شەندۇڭ زېمىنىدا بارلىق مەۋجۇداتلار جانلىنىپ، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 6–ئاينىڭ 12–كۈنىدىن 14–كۈنىگىچە، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ جيايى، ئۆلكە باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، چىڭداۋ، ۋېيخەي، يەنتەي، جىنەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورۇنلىرى، مەھەللە، پارتىيەۋىلىك تەربىيە بازىسى، كارخانا، يېزا–كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

   شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز بايلىقى مول بولۇپ، دېڭىز–ئوكيان پەن–تېخنىكىسى ۋە كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىق شارائىتىغا ئىگە. شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 12–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىڭداۋ لەنگۇدىكى چىڭداۋ دېڭىز–ئوكيان پەن–تېخنىكىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان دۆلەت تەجرىبىخانىسىغا كەلدى. شى جىنپىڭ تەجرىبىخانا بىناسىغا كىرىپ، كۆرگەزمە تاختىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، ئەمەلىي بۇيۇم مودېلى ۋە ئەۋرىشكە كۆرگەزمىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەجرىبىخانىنىڭ دېڭىز–ئوكيان بايلىقى ۋە ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، دېڭىز – ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسال، ئىستېرېئولۇق دېڭىز–ئوكيان كۆزىتىش تورى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئاڭلىدى، چوڭقۇر، يىراق دېڭىزنى ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى ئەترىتىنىڭ ھەمبەھرە سۇپا قۇرۇلۇشى ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ۋە تەقلىد قىلىش زالىدا يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىلمىي ھېسابلاش ۋە سىستېما تەقلىدىي سۇپىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈردى ھەم پەن تەتقىقات خادىملىرىدىن دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر ئالاقە تورى بەرپا قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات سىستېمىسىـــ‹‹شېنلەن چوڭ مېڭىسى››نى تەتقىق قىلىپ ياساش، دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان دېڭىز – ئوكيان سىستېمىسى تەقلىدلىگۈچنى ياساپ چىقىشتىن ئىبارەت ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرنىڭ دېڭىز–ئوكيان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ‹‹پارچىلىنىپ كېتىش›› مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېڭىز – ئوكياننى كۆزىتىش ۋە مۆلچەرلەش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇش بولدى. دېڭىز–ئوكيان يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇقلىرى بىرلەشمە تەجرىبىخانىسىدا، سۇ ئاستى تەقلىدىي ماشىنا بېلىق، ئادەمسىز سۇ ئۈستى كېمىسى، دېڭىز – ئوكيان سېنزورى قاتارلىق مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىغا ئىگە دېڭىز–ئوكيان ئۈسكۈنە سايمانلىرى باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ ئالدىغا ئۆتۈپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆردى ھەم ئارىلاپ سوئال سورىدى. تەجرىبىخانىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بەس–بەستە كېلىپ ئۇنى ئورىۋالدى ھەم باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دېڭىز – ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا جەزمەن دېڭىز–ئوكيانغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، دېڭىز – ئوكياننى تونۇپ، دېڭىز – ئوكياننى چۈشىنىپ، دېڭىز – ئوكيان پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شانلىق نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

   ئارقىدىن، شى جىنپىڭ چىڭداۋ شەھىرىنىڭ لىساڭ رايونى شاڭليۇ جيايۈەن مەھەللىسىگە كەلدى.  شى جىنپىڭ مەھەللىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مەركىزىدە چىڭداۋ شەھىرىنىڭ شەھەر تەرەققىيات يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشى ۋە كونا شەھەر قىياپىتىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، كەنت تارىخى سارىيىدا كەنتنىڭ كونا قىياپىتى، كونا ئۆيلەرنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشىنى كۆردى، مەھەللىدىكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ چۈشتە مەھەللىدىكى ئاممىغا قولاي ئاشخانىغا كىرىپ، بۇ يەردە غىزالىنىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، تاماقنىڭ ئوخشىغان – ئوخشىمىغانلىقى، باھاسىنىڭ قىممەت – قىممەت ئەمەسلىكىنى، مەھەللىنىڭ ئاممىغا قولاي مۇلازىمىتىگە نىسبەتەن يەنە قانداق يېڭى تەلەپلىرى بارلىقىنى سورىدى. شى جىنپىڭ يەنە كىچىك يولنى بويلاپ مەھەللىگە كىرىپ، مەھەللىنىڭ ئومۇمىي مۇھىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. مەھەللە مەيدانىدا بىر قىسىم ئاھالىلەر چېنىقىۋاتاتتى، ئارام ئېلىۋاتاتتى، ئۇلار باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قىزغىن چاۋاك چالدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، شەھەر ئاھالىلىرى ئارام ئالىدىغان، سەيلە قىلىدىغان، چېنىقىدىغان، پائالىيەت قىلىدىغان ئورۇنلارنى كۆپلەپ بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش، تېخىمۇ بېيىتىش كېرەك. جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى مەھەللىلەرگە بېرىپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى، دەل جايىدا، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يولنىڭ ئىككى تەرىپى ئامما بىلەن لىق تولدى، شى جىنپىڭ قولىنى پۇلاڭلىتىپ، كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى.

   شى جىنپىڭ چۈشتىن كېيىن جياۋدۇڭ (ۋېيخەي) پارتىيەۋىلىك تەربىيە بازىسى ليۇگۇڭداۋ ئوقۇتۇش رايونىغا كەلدى. شى جىنپىڭ دۇڭخۇڭ زەمبىرەك سۇپىسى خارابىسىگە چىقىپ، بېيخەي دېڭىز ئارمىيەسى ۋېيخەيۋېي بازىسىنىڭ مۇداپىئە ئەھۋالى ۋە ۋېيخەيۋېينى قوغداش ئۇرۇشى، ليۇگۇڭداۋنى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ تارىخىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئارقىدىن جياۋۇ ئۇرۇشى مۇزېيىنىڭ كۆرگەزمىخانىسىغا كېلىپ، جياۋۇ ئۇرۇشى تارىخىي پاكىتلار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ ۋېيخەي شەھىرىنىڭ قىزىل بايلىققا تايىنىپ پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى بازىسىنى قۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ليۇگۇڭداۋ ئوقۇتۇش رايونىدا تەربىيەلىنىۋاتقان كۇرسانتلار ۋەكىللىرى ۋە مۇزېي خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئىزچىل بۇ يەرگە كېلىپ كۆرۈپ، تەربىيە ئېلىشنى ئويلاۋاتقانىدىم. ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇپ، تارىخىي ساۋاقلارنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگولۇق جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

   دېڭىز ساھىلى كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى، ياپيېشىل تاغلار ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ كەچقۇرۇن خۇاشيا گۇرۇھىنىڭ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىلگىرى خارابىلىككە ئايلانغان بۇ تاش كانى ئون نەچچە يىل ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، كۆكەرتىش–ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق ھازىر ھەممە يەردە قۇشلار يېقىملىق سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان ياپيېشىللىققا ئايلانغانىدى. شى جىنپىڭ ۋېيخەي شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، پىيادىلەر يولىنى بويلاپ، تۈزەلگەن رايوننىڭ يېڭى قىياپىتىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئەينى يىللاردا كاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قاتناشقان ۋە ھازىر مەنزىرە رايونىدا خىزمەت قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، خۇاشيا گۇرۇھىنىڭ ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەدەنىيەت، ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز يېشىللاشتۇرۇشىمىز، گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

   دېڭىز شامىلى ئۇرۇلۇپ، سىم–سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 13–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، يامغۇرغا قارىماي شەندۇڭ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان پېڭلەي شەھىرىگە كەلدى، بۇ يەر ئىلگىرى قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. شى جىنپىڭ پەلەمپەي بىلەن پېڭلەي راۋىقىنىڭ ئاساسىي راۋىقىغا چىقىپ، خۇاڭخەي دېڭىزى بىلەن بوخەي دېڭىزىنىڭ پاسىلىغا يىراقتىن نەزەر سېلىپ، سۇ شەھىرى پېڭلەينى ئېگىزدە تۇرۇپ كۆزەتتى، قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سۇ شەھىرىدىكى زەمبىرەك سۇپىسى ۋە قەدىمكى دەۋردىكى كېمىلەرنىڭ دېڭىزغا كىرىش ئېغىزىنى كۆزدىن كەچۈردى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋەتەنپەرۋەر سەركەردە چى جىگۇاڭنىڭ دېڭىز ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش، دېڭىز مۇداپىئەسى قاتارلىق تارىخلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، يېقىنقى زامان تارىخى، ھازىرقى زامان تارىخى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مول تارىخىي كارتىنىسىنى تەشكىل قىلغان. رەھبىرىي كادىرلار تارىخنى كۆپرەك ئوقۇپ، تارىختىن تېخىمۇ كۆپ مەنىۋى ئوزۇق ئېلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش كېرەك.

   شى جىنپىڭ كارخانىلارنىڭ پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە جابدۇقچىلىق تەرەققىياتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹ۋەنخۇا›› گۇرۇھى يەنتەي سانائەت رايونى، ‹‹جۇڭجى›› گۇرۇھى لەيفۇشى دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى يەنتەي بازىسى، ‹‹لاڭچاۋ›› گۇرۇھى يۇقىرى دەرىجىلىك كاشىلىغا قارشى كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كېلىپ، سېخلارغا كىرىپ، ئەۋرىشكىلەرنى كۆرۈپ، تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ‹‹ۋەنخۇا›› گۇرۇھى يەنتەي سانائەت رايونىدا مەركىزىي كونترول قىلىش ئۆيىگە كىرىپ، نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملاردىن كارخانىنىڭ مەركىزىي كونترول قىلىش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەھسۇلاتىنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. كارخانىنىڭ كىرگۈزۈش، ئۆزلەشتۈرۈش، قوبۇل قىلىش، قايتا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلىشقىچە بولغان يولنى تېپىپ چىقىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، دۇنيادىكى ئىزوسىئانات ساھەسىدىكى باشلامچىغا ئايلانغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، كارخانىنى تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئىزچىللىقنى ساقلاپ، بېكىتىلگەن نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇشۇنداق غەيرەت، مۇشۇنداق مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە ئىنتىلىش ئارقىلىق ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

   شامال كۈچىيىپ، يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 13–كۈنى چۈشتىن كېيىن، ‹‹جۇڭجى›› گۇرۇھى لەيفۇشى دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ يەنتەي بازىسىغا كەلدى. ‹‹جۇڭجى››گۇرۇھى لەيفۇشى دېڭىز–ئوكيان قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى باشلامچىلىق بىلەن دېڭىز–ئوكيان قۇرۇلۇشى ساھەسىگە قەدەم قويغان كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئون يىل ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %10كە يەتمەسلىك ھالىتىنى ھازىرقى %60كە يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ زاۋۇت رايونى پىرىستانىدا كۈنلۈك تۇتۇپ، يامغۇر سۈيىنى كېچىپ مېڭىپ، يېقىن ئارىلىقتىن بۇ يەرگە توختىتىلغان ئاپتوماتىك ئۆرلەيدىغان قۇدۇق رېمونت تۇرمۇش سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، ‹‹كۆك كىت ـــ1›› ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر سۇ قوش بۇرغىلاش مۇنارىلىق يېرىم چۆكمە شەكلىدىكى بۇرغىلاش سۇپىسى، ‹‹تەيشەن›› ناملىق كېشەكسىمان كىران ۋە دېڭىز–ئوكيان باقمىچىلىقى سۇپىسىغا يىراقتىن نەزەر سالدى، كارخانا مەسئۇلىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك دېڭىز – ئوكيان قۇرۇلۇشى ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. دېڭىز شامىلى ئۇرۇپ تۇراتتى، يامغۇر شىم، ئاياغلارنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. شى جىنپىڭ يامغۇردا تۇرۇپ، ئەتراپىغا يىغىلغان ئىشچىلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى، مەشغۇلات سۇپىسىدىكى ئىشچىلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت كارخانىلىرى، بولۇپمۇ مەركەزگە قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى چوقۇم ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئېغىر قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشى ۋە ئىگىلىشى كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋى كارخانا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جىنەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، ‹‹لاڭچاۋ›› گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كاشىلىغا قارشى كومپيۇتېر ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹لاڭچاۋ›› گۇرۇھى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمېتىرنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىپ سەپلەشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ ئەمەلىي بۇيۇمغا بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمېتىر ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات، ھۆكۈمەت ئىشلىرى بۇلۇتى، ئاقىل شەھەر قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان سۇپىلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، سېخقا كىرىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمېتىرنى قۇراشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ ‹‹ئالاقە تورى+›› ئىدىيەسىنى قوللىنىپ، ئاقىل زاۋۇت بەرپا قىلىش، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ‹‹ھۈنەرۋەن روھى››نى ئەۋج ئالدۇرۇش، كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىدە نىشان ۋە يولنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىزنىڭ نىشانىمىزـــجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشـــبىزنىڭ توسالغۇلاردىن ئۆتۈش – ئۆتەلمەسلىكىمىزنىڭ ئاچقۇچى. تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىنى يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغان، ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ كۆپ جارى قىلدۇرىدىغان يېتەكلەش تىپىدىكى تەرەققىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك.

   شى جىنپىڭ ‹‹لاڭچاۋ›› گۇرۇھىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل بىلەن جىنەن شەھىرىنىڭ جاڭچيۇ رايونى شۇاڭشەن كوچا باشقارمىسى سەنجيەنشى كەنتىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. بۇ كەنت بەنزە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق ئائىلە ئىستىلىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئۈچ يىلدا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەشتەك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شى جىنپىڭ كەنت پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدە بۇ كەنتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، بەنزە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى توپلاش، مەدەنىي كەنت ئىستىلى، ئائىلە ئىستىلى بەرپا قىلىش، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ. يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەن قابىللارنىڭ يۇرتقا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ كەنت ئاھالىسى جاۋ شۈنلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ كەڭ–كۇشادە پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ قانداقلىقى، كۆچۈشكە قانچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكى، تۇرمۇشتا يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى. جاۋ شۈنلى باش شۇجىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بېيىش يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى خۇشال ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى، دېدى. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن يەرلىك رەھبەرلەرگە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتىدە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئاچقۇچ. دېھقانلار كىرىمىنى سىجىل، تېزرەك ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك سىياسەت مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، دېھقانلارنى ئىمكانقەدەر تېز بېيىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى جانلىق، ئاممىباب شەكىلدە ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا چۈشەندۈرۈش، ئىگىلىتىش كېرەك. كەنت قائىدىسى ۋە ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. سەنجيەنشى كەنتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىدىن تەڭلا ئەھۋال سورىدى، باش شۇجى قولىنى پۇلاڭلىتىپ كۆپچىلىك بىلەن خوشلاشتى. ئالقىش ساداسى كەنت ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

   شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن كېيىن شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەندۇڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شەندۇڭنىڭ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ– خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاچقۇچ. كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئۇل ئەسلىھەنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئۈنۈملۈك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئىگىلىكىدىكى كۈچلۈك ئۆلكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتۇر. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ ھەم ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى جانلىق تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ ھەم غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پۇختا يولغا قويۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شەندۇڭ ئۈلگىسىنى يارىتىش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ ئارزۇسى بىزنىڭ نىشانىمىز. خەلقنىڭ بەخت–سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن خەلقنى كۆڭۈلگە پۈكۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەش، خەلقنى غەمدىن كۆپرەك خالاس قىلىش، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، كىرىم، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، مۇھىت، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئىدىيە جەھەتتە مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئۇلنى چىڭىتىپ، ئىدىيە–ئەخلاق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ–خەتەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى ھەر ۋاقىت ساقلاشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ھوقۇقىنى قەدىرلەپ، ھوقۇقىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھوقۇقىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، سادىق، سەمىمىي بولۇپ، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنى، ئىچى بىلەن تېشىنى بىردەك قىلىپ، ھەرۋاقىت پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، پارتىيەگە تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.


                                             
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.