تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۈركۈم گۈلى گۈلچىلىكى موڭغۇلكۈرەنىڭ يېڭى ‹‹ئىسىم كارتىسى›› بولۇپ قالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى ۋېنۋۇ

   ياز كىرىشى بىلەن، موڭغۇلكۈرە يايلىقىدىكى كۈركۈم گۈللىرى يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرىدا ئېچىلىشقا باشلىغانىدى. گۈل دېڭىزىغا يىراقتىكى قارلىق تاغ ئارقا كۆرۈنۈش بولۇپ، بۇ يەر گويا سېھىرلىك ئالەمدەك كۆرۈنەتتى.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ‹‹كۈركۈم گۈلى دۆلىتى›› گوللاندىيە بىلەن يەر شارى چەمبىرىدە ئوخشاش پاراللېل سىزىقىدا بولسىمۇ، لېكىن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ھاۋاسى سوغۇقراق، تۇپرىقىنىڭ تەركىبىدە ئورگانىك ماددىلار بىر قەدەر كۆپ، ھۆل – يېغىن مىقدارى يېتەرلىك، تۇپرىقى يۇمشاق بولۇپ، كۈركۈم گۈلىنى ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، شۇنداقلا ياۋا كۈركۈم گۈلى بايلىقى مول ناھىيە ھېسابلىنىدۇ.

   دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولغان موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكتىن، يايلاقلىرىدا كەڭ كۆلەملىك گۈل دېڭىزى بارلىققا كەلدى، قاشاجار بازىرى ۋە موڭغۇلكۈرە ئات فېرمىسى قاتارلىق جايلاردىكى يايلاقلاردا كۆلىمى 10 مىڭ موغا يېقىن ياۋا كۈركۈم گۈلى، قاراسۇ بازىرىدا نەچچە 100مىڭ مولۇق ياۋا كۈركۈم گۈلى بايقالدى.

   قانداق قىلغاندا گۈلچىلىكنى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش كەسپىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ كۈركۈم گۈلى بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، گۈلچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، گوللاندىيەدىن بىر قىسىم كەسپىي تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ، كۆپەيتىش تەتقىقاتى ۋە گىرىم بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ‹‹شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى›› تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال قوللىنىپ، ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارنى ھويلا – ئاران ۋە ئېتىزلاردا كۈركۈم گۈلى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.

   كۈركۈم گۈلى گۈلچىلىك كەسپى ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلدى. موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراسۇ بازىرى ئاياق قاراسۇ كەنتىدىكى دېھقان – چارۋىچىلار ‹‹كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، باشلامچىلىق بىلەن كۈركۈم گۈلى دېھقان – چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ئارقىدىنلا قاشاجار بازىرى، ئاقدالا بازىرى قاتارلىق يېزا – بازارلارمۇ ئارقا – ئارقىدىن دېھقان – چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچىنى كۈركۈم گۈلى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

   كۈركۈم گۈلى گۈلچىلىك كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشتا، شىنجاڭ كۈركۈم گۈلى بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆپ مەنبەلىك سېلىنما مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى كۈركۈم گۈلى كەسىپ رايونىغا مەبلەغ سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە كۈركۈم گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كۈركۈم گۈلى كارخانىسى قۇرۇپ، كۈركۈم گۈلىدىن ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش يۈز مېيى، ئەتىر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغاندىن باشقا، يەنە ‹‹ئالاقە تورى + ››دىن پايدىلىنىپ، توردا سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن كۈركۈم گۈلىنى بازارغا سېلىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن ۋە خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنى ئالىي دەرىجىلىك ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلىدى، بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىنى گوللاندىيەگە ئېكسپورت قىلدى.

   ھازىر موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى كۈركۈم گۈلىنىڭ كۆلىمى 2000 موغا يەتتى، مەملىكەت ئىچىدە ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىغان تاللانغان سۈپەتلىك سورتى 20دىن ئاشتى. ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سالماق قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش، بازار ئارقىلىق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، ھۆكۈمەت يېتەكلەش ۋە جەمئىيەت قاتنىشىش پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭ كۈركۈم گۈلى بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۈركۈم گۈلى گۈلچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت ئىچىدە داڭلىق بولغان كۈركۈم گۈلى ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆپەيتىش بازىسى قۇرغانلىقتىن، ئۇرۇقلۇق سۈپىتىنىڭ مەنبەسى ئۈنۈملۈك قوغدالدى ۋە پايدىلىنىلدى، كەسىپنىڭ كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن ۋە ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش، سۈپەتنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

   كەلگۈسى بەش يىلدا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى رايون ساياھەتچىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيەنى مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقۇدەك كۈركۈم گۈلى ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. كۈركۈم گۈلى كەسىپ رايونىمۇ 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالىنىشنى پائال ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.

   2017 – يىلى 5 – ئايدا موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك كۈركۈم گۈلى مۇزېيى ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر بۇ مۇزېي ئارقىلىق كۈركۈم گۈلىنىڭ دۇنيادىكى جايلىشىش ئەھۋالى، ئۆستۈرۈلۈشى ۋە پىششىقلاش تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن خەۋەر تېپىپلا قالماي، يەنە ھەر خىل رەڭدىكى كۈركۈم گۈلىنى تاماشا قىلالايدۇ.

   بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇلكۈرە كۈركۈم گۈلى بايرىمى باشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى