تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

23 يىللىق چىن دوستلۇق

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇرېھىم ئابدۇرۇسۇل

   كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەقىقىي مېھىر – مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان دوستلۇق ھامان ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.

   1995– يىلى، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىگە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ سېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ھەممەيلەننى خۇش قىلىۋەتتى، كىشىلەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بولغۇچە، قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئىشنى باشلىۋەتتى. ئۈرۈمچى نېفىت – خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتى ‹‹نېفىت خىمىيە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى››نى سېلىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ زاۋۇت ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى فۇ جيەنجۈنگە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغانىدى، فۇ جيەنجۈن تومئېرىق كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەتلىك پۈتۈشى ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى. يېزىلىق ھۆكۈمەت فۇ جيەنجۈننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا ئۆيى بار مەمەت ساۋۇتنى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا قاراشقا ئورۇنلاشتۇردى. فۇ جيەنجۈن بىلەن مەمەت ساۋۇت بۇ جەرياندا تونۇشۇپ، ئاخشاملىرى بىر – بىرىگە ھەمراھ بولۇپ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا قارىغاچ، ئائىلە ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلىشىدىغان، مۇڭدىشىدىغان بولدى.

   كەلپىن ناھىيەسىدە سۇ كەمچىل، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرۇبا سۈيى تېخى تولۇق ئومۇملاشمىغان بولغاچقا، قۇرۇلۇش ئورنىدىكى 30 نەچچە ئىشچىنىڭ تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۈيىنى ھەل قىلىش بىر مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. مەمەت ساۋۇت جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنى ئويلاپ، دائىم ئىدىشلارغا سۇ ئېلىپ قوياتتى. ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن تەسىرلەنگەن فۇ جيەنجۈن مەمەت ساۋۇتقا نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن سۇ توشۇپ يۈرمەسلىكىنى، قۇرۇلۇش ئورنىغا ياخشى قارىسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ قۇرۇلۇش پۈتكىچە بۇ ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

   فۇ جيەنجۈن بۇ يەرگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى مۇشۇ قۇرۇلۇش پۈتكىچە بولغان بەش ئايدا بىرەر قېتىممۇ ئۆيىگە قايتمىدى. شۇ يىلى دۆلەت بايرىمىغا ئاز قالغاندا قۇرۇلۇش پۈتتى، ‹‹نېفىت خىمىيە ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى››نىڭ پۈتۈشى ھەممە كىشىنىڭ قەلبىنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈردى، فۇ جيەنجۈنمۇ كەنتتىكىلەرنىڭ چېھرىدىكى خۇشاللىقنى كۆرۈپ، تارتقان جاپالىرىنى ئۇنتۇپلا كەتتى.

   فۇ جيەنجۈن ئۈرۈمچىگە قايتىش ئالدىدا، مەمەت ساۋۇت بىلەن فۇ جيەنجۈن بىر – بىرىگە قىيمىغان ھالدا داۋاملىق ئىزدىشىپ تۇرۇش ھەققىدە تاپىلىشىپ، قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.

   2007– يىلى مەمەت ساۋۇتنىڭ چوڭ قىزى ئارزۇگۈل مەمەت ئۈرۈمچى كەسىپ – تېخنىكا داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ ئىش بىر ئائىلە كىشىلىرىنى خۇشال قىلغان بولسىمۇ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا كېتىدىغان خىراجەت مەسىلىسى مەمەت ساۋۇتنىڭ بېشىنى قاتۇردى. مەمەت ساۋۇت بۇ خۇش خەۋەرنى فۇ جيەنجۈنگە يەتكۈزگەندە، ئۇ كەسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ھەقىقەتەن خۇش خەۋەر ئىكەن، ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭلارنى مەن بىلىمەن، خاتىرجەم بولۇڭلار، ئارزۇگۈلنى ئۆزۈم ئوقۇتىمەن...

   مۇشۇ گەپ بىلەن ئارزۇگۈل مەمەتنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. فۇ جيەنجۈن ئەر – خوتۇن ئارزۇگۈل مەمەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشى ئۈچۈن، 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خىراجەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزدى.

   ئارزۇگۈل مەمەت فۇ جيەنجۈن تاغىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. ئارزىگۈل مەمەتنىڭ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزگىنىدىن خۇشال بولغان فۇ جيەنجۈن ئۇنى ئۈرۈمچىدە ئىشلەشكە تونۇشتۇردى. ئارزۇگۈل مەمەت خىزمەت جەريانىدا خىجىلچان بىر كىچىك قىزچاقتىن بارا – بارا تەجرىبىلىك بىر خادىمغا ئايلاندى.

   2008– يىلى قىشتا مەمەت ساۋۇت خوتۇنى خەلچەم ئەمەت بىلەن قىزى ئارزۇگۈلنى يوقلىغاچ، فۇ جيەنجۈننىڭ ئوغلىنىڭ تويىغا كەلدى. بىراق، مەمەت ساۋۇتنىڭ خوتۇنى خەلچەم ئەمەت ئۈرۈمچىگە كېلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن، سول پۇتىنى سۆرەپ ماڭالماي قالدى، بۇنى كۆرگەن فۇ جيەنجۈن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتكۈزدى، نەتىجىدە خەلچەم ئەمەتنىڭ يانپاش ئارىلىق سۆڭىكى سېسىپ كەتكەن بولۇپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسا، ئۆمۈرلۈك مېيىپ بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان مەمەت ساۋۇت دەرھال ئۆيىگە قايتىپ، دوختۇرخانا بۇيرۇغان 50 مىڭ يۈەننى تەييارلىماقچى بولدى. مەمەت ساۋۇتنىڭ بۇ ئويىنى ئاڭلىغان فۇ جيەنجۈن: چارۋا مال، تېرىلغۇ يەرلىرىڭىزدىن ئايرىلسىڭىز نېمە بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىسىز؟ ئۆزۈم بىر ئامالىنى قىلاي، دېدى.

   شۇنداق قىلىپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىدىغان فۇ جيەنجۈن خەلچەم ئەمەتنى ئۆزى داۋالىتىدىغان بولدى. فۇ جيەنجۈننىڭ ياردىمى بىلەن خەلچەم ئەمەت دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندى. داۋالىنىش جەريانىدا دوختۇرخانىغا تاپشۇرغان 50 مىڭ يۈەن ۋە باشقا خىراجەتلەرنى فۇ جيەنجۈن ئۆز يېنىدىن چىقاردى، بىر قىسىملىرىنى ئىدارە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نامراتلارغا ياردەم بېرىش فوندىدىن ئىلتىماس قىلىپ ھەل قىلدى. نەتىجىدە، خەلچەم ئەمەت ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

   ئارزۇگۈل مەمەتنىڭ خىزمەتكە چىقىشى بىلەن مەمەت ساۋۇت ئائىلىسىنىڭ ھال كۈنىمۇ كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى. ئەپسۇس، بۇ ئائىلىنىڭ بەختىيار كۈنلىرى ئۇزاققا بارمىدى، بۇ ئائىلىگە يەنە كېلىشمەسلىك كەلدى. 2015 – يىلى 5 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، مەمەت ساۋۇت ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ ئورنىدىن تۇرالمايلا قالدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈپ چىقىرىپ بەرگەن دىياگنوز قەغىزىگە مەمەت ساۋۇتنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى يېزىلغانىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان خەلچەم ئەمەت ئۇرۇق – تۇغقان، قولۇم – قوشنىلىرىدىن ئاز – تولا پۇل غەملەپ، ئېرىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشقا تەييارلاندى.

   بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان فۇ جيەنجۈن شۇ ھامان دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، كېسەلخانىدىن كارىۋات ئۇقۇشتى، پويىز ئىستانسىسىغا مەمەت ساۋۇتنى ئالغىلى چىقتى، فۇ جيەنجۈننىڭ مەمەت ساۋۇتنىڭ ياداڭغۇ چىرايىغا قاراپ ئىچى سىيرىلدى. داۋالىنىش مەزگىلىدە فۇ جيەنجۈن ۋاقىت چىقىرىپ دائىم دوختۇرخانىغا كېلىپ، خەلچەم ئەمەت بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى ۋە مەمەت ساۋۇت بىلەن خەلچەم ئەمەتنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي، 10 مىڭ يۈەننى دوختۇرخانىغا تۆلىدى، 1000 يۈەننى خەلچەم ئەمەتنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، پۇلدىن ھەرگىز غەم قىلماسلىقنى، ئالدى بىلەن كېسەلنى ياخشى داۋالىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تاپىلىدى.

   مەمەت ساۋۇت ئۈرۈمچىدە بىر ئايدىن كۆپرەك داۋالانغاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە قايتىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا يېيىشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما كېسىلى تازا دېگەندەك ياخشى بولالمىدى. مەمەت ساۋۇتنىڭ كېسىلىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن فۇ جيەنجۈن ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىپ كېلىش مەقسىتىدە بىر قانچە يېقىنىنى باشلاپ، 2000 يۈەن نەق پۇل، بىر قوينىڭ گۆشى، ئۇن، گۈرۈچ، ياغ ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ كەلدى. ئىككىيلەن كۆرۈشۈپ قانغۇچە مۇڭداشتى، مەمەت ساۋۇت ئۇنى كۆرۈپ يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. چۈنكى مەمەت ساۋۇتنىڭمۇ فۇ جيەنجۈن بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئوبدان بىر كۆرۈشۈپ سىردىشىۋېلىش نىيىتى بار ئىدى.

   فۇ جيەنجۈن بىلەن قانغۇچە مۇڭدىشىپ ئارزۇسىغا يەتكەن مەمەت ساۋۇت فۇ جيەنجۈننى يولغا سېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي كۆز يۇمدى. بۇ ئائىلىنىڭ نۇرلۇق چىرىغى ۋاقىتسىز ئۆچكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلمىدى. فۇ جيەنجۈن 23 يىلدىن بۇيان، مەمەت ساۋۇت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى تەڭ يېڭىپ، ئۇلارنىڭ چىن دوستىغا، غەمگۈزارىغا ئايلانغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى