تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

پىچان ناھىيەسى ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى

   تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مىجىت ئىبراھىم خەۋەر قىلىدۇ: پىچان ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ قويۇق ئالاقىلىشىشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

   بۇ ناھىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ دۆلەت، ئاپتونوم رايون، شەھەر دەرىجىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن، ئىلغار شەخستىن يۈز نەچچىسى بارلىققا كەلدى، نۆۋەتتە بۇ ئۈلگىلىك ئورۇن، ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئىش–پائالىيەتلىرى ناھىيەنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى.

   بۇ ناھىيە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن بەرپا قىلىشقا قاتنىشىش قىزغىن كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، يېزا–بازارلاردا ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خاتىرە سارىيى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كوچىسى›› قۇرۇش بىلەن بىللە، تاراتقۇلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر يىلى ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بەرپا قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولۇشتا بەسلىشىش›› تەك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى.  

   ناھىيەلىك تەشۋىقات، بىرلىك سەپ، مىللەت–دىن، مائارىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار زىچ ھەمكارلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتىنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەممە تەرىپىگە سىڭدۈردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر تەشۋىق–تەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن، بۇ ناھىيەدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى بولۇشقا ئىنتىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىش بۇ ناھىيەدىكى كادىر، ئاممىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى