تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن...

مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ لېمىن

   6 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، دۆلەت تاشيولى 315 – لىنىيەسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، يول بويىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك خىزمەت فورمىسى كىيگەن يول ئاسراش ئىشچىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يوللارنى تازىلاۋاتقان بولسا، بەزىلىرى يولنىڭ قىرغىقىدىكى ئەخلەتلەرنى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى جىگدە قۇدۇق كەنتىدىكى ئەخمەت روزىمەمەتمۇ بار ئىدى.

   ئەخمەت روزىمەمەت يول ئاسراش ئىشچىسى بولغان توققۇز ئايدىن بۇيان، 30 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 40 نەچچە ياشقا كىردىم، خىزمەت فورمىسى كىيىپ يول ئاسراش ئىشچىسى بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، يەنە تېخى ھەپتىگە ئۈچ كۈن ئارام ئالىمەن، ئاپتوموبىلدا ئىشقا ئاپىرىپ ئەكىلىدۇ، بۇنداق ئوبدان شارائىتتىن كىممۇ خۇش بولمىسۇن...

   جىگدە قۇدۇق كەنتى قۇملۇقنىڭ چېتىگە جايلاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇپ، ئېغىر نامرات كەنت. ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى جىگدە قۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1 – شۇجىسى پەن لىنۋۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ پاختا تەرسىمۇ ياكى شىمالىي شىنجاڭغا بېرىپ ئىشلىسىمۇ پۇل تاپالايتتى، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ مۇقىم كىرىمى بولۇشىغا، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئۇلارغا يېقىن ئەتراپتىن ئىش تېپىپ بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز.

   خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچىدى.

   بۇ خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا تېخنىكومدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىكى ياشلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنى خوتەن ۋىلايەتلىك يول يۈرۈش ھەققى يىغىش ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈزدى. مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەنرەك، سالامەتلىكى ياخشى دېھقانلارنى يېقىن ئەتراپتىكى يول ئاسراش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى.

   خوتەن ۋىلايەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يول يۈرۈش ھەققىنى يىغىش يۈزتۇرا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن زۇلھايات ئابدۇخەبىر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يول يۈرۈش ھەققى يىغىش پونكىتىدىن ئۆتكىنىمدە شۇ يەردىكى خادىملارغا بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. مانا ھازىر مەنمۇ ئۆيۈمگە يېقىنلا جايدا يول يۈرۈش ھەققى يىغىدىغان بولدۇم. بىزنىڭ غېمىمىزنى يېگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

   يېقىندا جىگدە قۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەنە بىر خۇش خەۋەر تارقالدى.

   پەن لىنۋۇ مۇنداق دېدى: چوڭ تىپتىكى باقمىچىلىق مەيدانىدىن بەشنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، قۇرماقچى بولغان باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئورنىنى كۆرۈپ قويدۇق، باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئىسخېمىسىمۇ تەييار بولدى، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇرۇلۇش باشلىنىشى مۇمكىن. بۇ باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلسا، 140 نەچچە كىشى ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ، باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ يىللىق كىرىمى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىن ئۈمىد زور.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى