تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن 12نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

 يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 14- تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلو مىسالىدىن 12نى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە- ئىغۋا، يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1-دېلو مىسالى : ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئى x ، تۇx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، تورداشلار ئىx(ئايال، ئۇيغۇر، 23ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن)، تۇx(ئەر، ئۇيغۇر، 21ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىن)نىڭ چەت ئەل تورىغا چىقىپ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىننى چۈشۈرگەن ھەمدە تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئى x ، تۇx گە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  2-دېلو مىسالى : تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى دx نىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، تورداشلار د x(ئەر، ئۇيغۇر، 42 ياش، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە د xكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  3-دېلو مىسالى : قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئاxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى قانۇنسىز ساقلاش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 46ياش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسىدىن)نىڭ ساقلاش كارتىسىنىڭ ئىچىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىنلارنىڭ بارلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  4-دېلو مىسالى : سانجى ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى جۇxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، تورداشلار جۇx(ئەر، قازاق، 23 ياش، سانجى ئوبلاستىنىڭ مورى ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەگە ئائىت ناخشىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جۇxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  5-دېلو مىسالى : قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى جxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، تورداشلار جx(ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن)نىڭ «QQ بوشلۇقى»دا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  6-دېلو مىسالى : بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى دxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، تورداشلار دx(ئەر، ئۇيغۇر، 30ياش، بايىنغولىن ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسىدىن)نىڭ «بەيدۇ تور دېسكىسى»دىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىنلارنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە دxگە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  7-دېلو مىسالى : قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى سxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان بۇيۇملارنى ساقلاش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، تورداشلار سx(ئەر، ئۇيغۇر، 44 ياش، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىدىن)نىڭ كومپيۇتېرىدا تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىنلارنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە سxگە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  8-دېلو مىسالى : ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى ماxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، تورداشلار ماx (ئەر، خۇيزۇ، 26 ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن)نىڭ «كۇگوۋ مۇزىكا قويغۇچى» دىن پايدىلىنىپ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن ئۈن-سىن ھۆججىتىنى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ماxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  9-دېلو مىسالى : قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئەxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، تورداشلار ئەx (ئەر، ئۇيغۇر، 18 ياش، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەريېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان ناخشا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئەxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  10-دېلو مىسالى : ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى لى x نىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇرنى تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، تورداشلار لىx(ئەر، خۇيزۇ، 25ياش، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق باشقىلارنى قانۇنسىز ھالدا مەخپىيەتلىككە چېتىشلىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە لىxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  11-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى پەن x نىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، تورداشلار پەن x (ئايال، خەنزۇ، 32 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىن) نىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە مۇقىملىققا ئالاقىدار پىتنە-ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پەن x غا جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسىنى بەردى.

  12-دېلو مىسالى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لياڭ x نىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

  2018-يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، تورداشلار لياڭ x (ئايال، خەنزۇ، 27 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىڭتەي شەھىرىدىن) نىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىم يولىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن شەھەردە سۇ توختىتىشنى بېكىتتى، كۆپچىلىك ۋاقتىدا تۇرمۇشقا كېرەكلىك سۇنى ساقلىۋېلىڭلار» دېگەن مەزمۇندە پىتنە-ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى لياڭ x غا قانۇن بويىچە تەربىيە-تەنبىھ بەردى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال- ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن، ياسىغانلار، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئەگەر شەخس يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن توردىكى قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ. پاش قىلىش ئۇسۇلى:

  تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

  تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

  ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

  بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش(新疆网络举报@)

  ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى : شىنجاڭ توردا پاش قىلىش (新疆网络举报)

  ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

  ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى