تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا ناھىيەسى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى جەلپ قىلدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت ئىسمايىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى ناھىيەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى.

   بۇ ناھىيە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى ناھىيەنىڭ ‹‹1 – نومۇرلۇق قۇرۇلۇش››ى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانا ۋە سودىگەرلەرنى كۇچاغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇردى، نەتىجىدە، كۇچاغا مەبلەغ سالىدىغان كارخانا ۋە سودىگەرلەر يىلسېرى كۆپەيدى.

   بۇ ناھىيە بۇ يىل 360 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كۇچاغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىرغىچە كۇچا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شەھەر ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جۇڭگو نىفىت – خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى شۆبىسى، ‹‹كەيلۇئەن›› گۇرۇھى، ‹‹شۈجۇ›› كانچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا داڭلىق ئالتە كارخانا، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نۇقتىلىق كارخانىدىن 23 ى ماكانلاشتى، ھازىر كۇچا ناھىيەسىدە سانائەت كارخانىسى 121 گە، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىسى 55 كە يېتىپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى