تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ لېي

   ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۇزكۆل بازىرى قورا كەنتىدىكى 34 ياشلىق ئايىپبېك دالاغاي ئىلگىرىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ئۆيىمىزنىڭ كەينىدە ئېغىل بولغاچقا، قىغ پۇراپ تۇراتتى، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى پۇراقنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن دېرىزىنىمۇ ئاچالمايتتۇق، قار – يامغۇرلۇق كۈنلەردە يېزىمىزنىڭ توپا يوللىرى لاي – پاتقاق بولۇپ كېتەتتى.

   ئايىپبېك دالاغاي ھازىر تۇزكۆل بازىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان خۇەنسەييۈەن مەھەللىسىدىكى 80 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ئۆيىدە ئاشخانا، تازىلىق ئۆيى بولۇپ، تولىمۇ قولايلىق. ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى رەت – رەت بىنالار، يەسلى، چېنىقىش ئورنى قاتارلىقلار شەھەرلىكلەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

  ــ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، بىز چارۋىچىلار بۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق، ـ دېدى ئايىپبېك دالاغاي.

   ئايىپبېك دالاغاينىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئۆزگىرىش چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى نەتىجىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بۇ ناھىيە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى بىلەن گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كەسىپلەر تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنى چەكسىز بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

   قىلىدىغانغا ئىش بار، تاپىدىغانغا پۇل بار

   مەلۇم كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان توختىخان ئابلېلىم مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھازىر ئايدا 3200 يۈەن تاپالايمەن، ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئالىمەن. قىلىدىغانغا ئىش بار، پۇل تاپقىلى بولىدىغان بۇ كۈنلەر نېمىدېگەن ياخشى – ھە!

   توختىخان ئابلېلىم تۇزكۆل بازىرىنىڭ تېرىلغۇ كەنتىدىن بولۇپ، ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى چارۋىچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرەتتى. ئۇ ھازىر ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونىدىكى قوغۇن پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ ماھىر ئىشچىسى بولۇپ قالدى.

   يۆلەش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە توختىخان ئابلېلىم 2013 – يىلى يەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تېرىلغۇ كەنتىدىن خۇەنسەييۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. ئۇ بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگىنىدە يىلدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق چارۋا مال بېقىشنى چەكلەش تولۇقلىمىسى ۋە 20 قويىنى بېقىشقا بەرگەن باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن كىرىدىغان پايدا ئايرىمىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا بىكارچىلىقتىن تىت – تىت بولاتتى.

   قانداق قىلغاندا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارغا ئىش تېپىپ بەرگىلى، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ناھىيە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق كارخانىلارنى ‹‹ئىشىك››ى ئالدىغا تەكلىپ قىلىپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتتى.

   2015– يىلى 8 – ئايدا ناھىيەنىڭ بىر قىسىم كارخانىلارنى خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشقا تەشكىللىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان توختىخان ئابلېلىم ئاكتىپلىق بىلەن تىزىملىتىپ، ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىش ئورنىغا چىقتى. بىر يىل ئىشلەپ ئۇنىڭ ئىش ھەققى دەسلەپكى 1700 يۈەندىن ھازىرقى 3200 يۈەنگە چىقتى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر چارۋىچىدىن يىللىق كىرىمى 40 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان ئىشچىغا ئايلىنىپ، قەرزلىرىنى قايتۇرۇپلا قالماي، بۇ يىل يەنە ئۆيىنى زىننەتلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

   توختىخان ئابلېلىمغا ئوخشاش مۇقىم ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرغانلار ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلار ئارىسىدا خېلى كۆپ. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن شياۋبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ قىلىدىغانغا ئىشى بولۇشىغا، كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن تۇرۇپ قېلىشىغا، بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

   ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان، خۇشال – خۇرام ياشىيالايدىغان بولۇش

   خۇەنسەييۈەن مەھەللىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەركىزى  ‹‹ئىناقلىق ھويلىسى››دا 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 69 ياشلىق يادەم ئىدرىس ‹‹كونا رەقىبى›› بىلەن بىليارت ئويناۋاتاتتى، ئۇلار پات – پات كۈلۈشۈپ كېتەتتى. يادەم ئىدرىس بۇ بازارنىڭ ئالاتۇڭگى كەنتىدىن بولۇپ، بىر ئۆمۈر چارۋىچىلىق قىلغان. ئۇ‹‹ئىناقلىق ھويلىسى›› تىلغا ئېلىنسا، ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ.

   خۇەنسەييۈەن مەھەللىسى بۇ ناھىيە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ۋە چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى كۇرسلۇق قۇرۇلۇش بولۇپ، مەھەللە قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. مەھەللىدە بۇلتۇر 2 – ئايدا قۇرۇلغان ‹‹ئىناقلىق ھويلىسى›› يېمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، چېنىقىش، داۋالاش، چۈشلۈك دەم ئېلىش بىرلەشكەن ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش ئورنى بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يەنە بۇ يەردە پاراۋانلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس خادىم قويۇپ ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، قېرىغاندا كۈتۈنەلەيدىغان، داۋالىنالايدىغان بولۇش ئىلگىرى سۇ ۋە ئوت – چۆپ قوغلىشىپ ياشايدىغان چارۋىچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ ئىدى، ھازىر ئۇلارنىڭ بۇ ئارزۇسى بۇ يەردە رېئاللىققا ئايلاندى.

   يادەم ئىدرىس مۇنداق دېدى: بۇ يەردە بەش يۈەن بىلەنلا ئېغىزغا تېتىغۇدەك چۈشلۈك تاماق يېيەلەيمىز، چۈشتە ھەقسىز ئارام ئالالايمىز، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزنى شۇنچىلىك ئەتراپلىق ئويلىشىپتۇ. بۇ يەردە نۇرغۇن بۇرادەرلىرىمىز بار بولدى، كۈنلىرىمىز ئىنتايىن خۇشال ئۆتىدۇ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىمەن.

   تۇرمۇش مۇھىتى ئۆزگەردى، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇيالايدىغان بولدى، كېسەل كۆرسىتىش ئاسانلاشتى، 60 ياشتىن ئاشقانلار ئاممىۋى قاتناش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بولدى... ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بۇ ناھىيەدىكى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

   چېن شياۋبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ناھىيە خەلقنى مەركەز قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن تىرىشىپ ‹‹ئەلرايى قۇرۇلۇشى››نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان – چارۋىچىنى ئازادە، يورۇق ئۆيگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى زامانىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىمەن قىلغان. ھازىر ناھىيە بويىچە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچى 2425 ئائىلىگە يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %91.37 ىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى