تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر شەھىرى بۇلتۇردىن باشلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز جايى ۋە يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

   قەشقەر ئوتتۇرا – جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت رايونىغا ماكانلاشقان قەشقەر ‹‹خۇڭشۇاڭ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان مەلىكىگۈل توختى قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزىسى ساپئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ھازىر تېخنىكا ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئايدا مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

   ساپئېرىق كەنتىدىكى ئەنۋەر لېتىپنىڭ قەشقەر ئوتتۇرا – جەنۇبىي ئاسىيا سانائەت رايونىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن سىرتلاردا ۋاقىتلىق ئىشلىگەچكە، مۇقىم كىرىمىم يوق ئىدى، شۇڭا تۇرمۇشۇممۇ غورىگىل ئۆتەتتى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا زاۋۇتتا ئامانلىق قوغدىغۇچى بولۇپ ئىشلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇم. نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاشقا ئىشەنچىم كامىل.

   ئۇقۇشىمچە، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالغان. كارخانىلار قەشقەرگە ماكانلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى جەلپ قىلغان، ئارتۇق ئەمگەكچىلەر كارخانىلارغا  ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى