تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىلقىدىكى خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتى

مۇخبىرىمىز جېن شىشىن خەۋىرى، فوتوسى

   5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، نىلقا ناھىيە مەركىزىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىلقا ناھىيەلىك ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىغا نەچچە يۈز كەنت ئاھالىسى يىغىلغانىدى. ئۇلار خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، يەرلىكتىكى دېھقان – چارۋىچىلاردىن تەشكىللەنگەنىدى، بۇ ئەترەت بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى 55 ياشلىق پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى، قازاق ئايال باھار دۈيسەنباينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان.

   ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، كەنتتىكى ئەخلەتلەر ئىزچىل سىرتقا توشۇلماي، ئۆيلەرنىڭ ئالدى – كەينىگە، يول بويىغا، ئېتىزلىقلارغا خالىغانچە تاشلاپ قويۇلدى. بەزى كەنت ئاھالىسى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى دەرياغا تۆكۈپ ئېقىتىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئەخلەت قاش دەرياسىنىڭ جىرالىرىدىكى تاشلارنىڭ، ئوت – چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ قالدى. باھار دۈيسەنباينىڭ بۇرۇنلا دەريانى تازىلاش ئويى بولسىمۇ، بىر ئادەمنىڭ كۈچى بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلاتتى.

   بۇ يىل 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، قار – مۇز ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئەخلەتلەر يەنە ئوچۇقچىلىققا چىقتى، بۇنى كۆرگەن باھار دۈيسەنباينىڭ ئىچى تىتىلدىدى. ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك كۇرستا كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى تەشۋىق قىلىنغاندا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى سۆزلەندى. باھار دۈيسەنباي ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئۈندىدار توپىدا ئۆز تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەرە باقمىچىلىق مەيدانى بىزنىڭ ئائىلىمىز، قاش دەرياسى بىزنىڭ ئانا دەريايىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەريا ۋە كۆللەرنى قوغداش خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن. بىز ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇرت – ماكانىمىزنى گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

   باھار دۈيسەنباينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى. ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، جۈمە كۈنى سەھەردە خالىس دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەر ھەرە باقمىچىلىق مەيدانىدىكى كىچىك مەيدانغا دەل ۋاقتىدا يىغىلدى. 10 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى دەريا قىرغىقىدىكى ئەخلەتلەر تازىلىنىپ، توشۇپ كېتىلدى. دەريا تازىلاش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ سانى بىلىپ – بىلمەي كۆپەيدى. 5 – ئاي كىرىشى بىلەن، ھەر قېتىملىق دەريا تازىلاش ھەرىكىتىگە 150 تىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئېرىقلار پاكىزلاندى، دەريا سۈيى سۈزۈكلەشتى، كەنت مۇھىتى گۈزەللەشتى.

   قاش دەرياسى ئىلى دەرياسىنىڭ 2 – چوڭ تارماق ئېقىنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 304 كىلومېتىر. بۇنىڭ ئىچىدىكى 294 كىلومېتىرلىق بۆلىكى نىلقا ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدە. ‹‹دەريا باشلىقى تۈزۈمى›› خىزمىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى يېزا – بازار، كەنتلەرنى قاپلىغان ئۈچ دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسىنى قۇردى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، ناھىيە تەۋەسىدىكى 56 ئېرىق – ئۆستەڭ، ئۈچ سۇ ئامبىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دەريا باشلىقى تىزىملىكىنى تۈزدى. باھار دۈيسەنباي مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۆزلۈكىمىزدىن ئانا دەريانىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئەترىتىگە قاتنىشىشىمىز يۇرتىمىزنىڭ تېغىنىڭ داۋاملىق يېشىل، سۈيىنىڭ مەڭگۈ سۈزۈك بولۇشى ئۈچۈندۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى