تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز قېتىملىق مەسىلىنى ئاشكارىلىدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. بۇ سەككىز تىپىك مەسىلە مۇنۇلار:

   نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ جىنبىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە قاتنىشىش مەسىلىسى. 2016 – يىلى 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى كەچتە، ۋۇ جىنبىن ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى بولۇپ ئالتە كىشى شەخسىي ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ، گۇيۈەن شەھەرلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆتكۈزگەن زىياپىتىگە قاتناشقان، بۇنىڭ ئىستېمال چىقىمى 2480 يۈەن بولغان. 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتە، ۋۇ جىنبىن قاتارلىق بەش كىشى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا بېرىپ قايتقاندا، گۇيۈەن شەھەرلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبىرىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆتكۈزگەن زىياپىتىگە قاتناشقان، ئىستېمال چىقىمى 2666 يۈەن بولغان. ۋۇ جىنبىنغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەم ئالاقىدار خىراجەتلەر تۆلىتىلدى، باشقا جاۋابكارلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

   خېنەن ئۆلكىلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاۋ گوچياڭنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ھۆكۈمەت پۇلىغا كۈتۈۋېلىشنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. 2017 – يىلى 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، جاۋ گوچياڭ قاتارلىقلار لوياڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارغان، شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر ئىدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىشىنى قوبۇل قىلغان، ئىستېمال چىقىمى 5332 يۈەن بولۇپ، كىشى بېشىغا 761.7 يۈەندىن توغرا كەلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 3930 يۈەنلىك ئالىي ئاق ھاراقتىن ئۈچ بوتۇلكا ئىستېمال قىلىنغان. شۇ كۈنى جاۋ گوچياڭ قاتارلىق تۆت كىشى لوياڭ شەھىرىدىكى مەلۇم مېھمانسارايغا چۈشكەن، بۇ تۆتەيلەننىڭ شۇ كۈنى كەچتىكى ياتاق ھەققى ئۆلچەمدىن 322 يۈەن (بۇنىڭ ئىچىدە، جاۋ گوچياڭنىڭ ئۆلچەمدىن 118 يۈەن ئېشىپ كەتكەن) ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىراجەتلەرنىڭ ھەممسىىنى لوياڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى تالون ئايرىش، يالغاندىن ھۆكۈمەت ئالاقىسى ياساش، يىغىن خىراجىتىنى ساختا مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆكۈمەت پۇلىدىن ئاتچوت قىلغان. جاۋ گوچياڭنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. جاۋ گوچياڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، باشقا جاۋابكارلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

   جىلىن ئۆلكىسى جىلىن شەھىرىنىڭ لۇڭتەن رايونى يېڭى جىلىن مەھەللە ئىش باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ شيەنفېڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىشكە تەشكىللەش مەسىلىسى. 2017 – يىلى 4 – ئايدىن 11 – ئايغىچە، ليۇ شيەنفېڭنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، يېڭى جىلىن مەھەللە ئىش باشقارمىسى ساختا تالون كېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 11 مىڭ 300 يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، ئىدارىنىڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈش ۋە كوللېكتىپ تاماق يېيىشىگە ئىشلەتكەن. ليۇ شيەنفېڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، باشقا جاۋابكارلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

   جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھىرى ئوۋخەي رايونلۇق سودا ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، رايونلۇق ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى دەي ۋېيجۇڭنىڭ مۇلازىمەت  – باشقۇرۇش ئوبيېكتى ئورۇنلاشتۇرغان ساياھەتنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. 2017 – يىلى 6 – ئايدا، دەي ۋېيجۇڭ قاتارلىقلار جېجياڭ جۇجى، جياڭسۇ شۇياڭغا ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا بارغاندا، دەي ۋېيجۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىللە ئېلىپ بارغان، بۇ جەرياندا جۇجى، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلغان، ساياھەت نۇقتىسىنىڭ بېلىتى ۋە قىسمەن تاماق پۇلى 1000 يۈەندىن ئاشقان، پۇلنى ئۇلار بىلەن بىللە بارغان مۇلازىمەت  – باشقۇرۇش ئوبيېكتى تۆلىگەن، باشقا ساياھەت چىقىمى 12 مىڭ 825 يۈەن بولغان، بۇ پۇلنى ئاشلىق ئىدارىسى ۋە ئاشلىق ئىدارىسىگە قاراشلىق ئورۇنلاردا ئاتچوت قىلدۇرغان. 2017 – يىلى 7 – ئايدا، دەي ۋېيجۇڭ جوۋشەنگە يىغىنغا بارغاندا ئائىلىسىدىكىلەرنى بىللە ئېلىپ بارغان، قاراشلىق ئورۇندىن قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل ۋە شوپۇر سەپلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئالاقىدار چىقىمى 2950 يۈەن بولۇپ، قاراشلىق ئورۇنغا ئاتچوت قىلدۇرغان. دەي ۋېيجۇڭنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. دەي ۋېيجۇڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى ھەم ئالاقىدار چىقىملار تۆلىتىلدى.

   خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ جياڭخەن رايونى چاڭچىڭ كوچىسى مەھەللە ئىش  باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ سابىق مۇدىرى يى گەنجۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىشكە تەشكىللەش قاتارلىق مەسىلىسى. 2018 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە يى گەنجۈن چاڭچىڭ كوچىسى مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ مۇدىرلىقىنى، مەلۇم ئۆي ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ دوستلىرى ۋە رايون تەۋەسىدىكى باشقا ئىدارىدىكىلەرنى تەشكىللەپ، مەزكۇر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاشخانىسىدا قائىدىگە خىلاپ زىياپەت ئۆتكۈزگەن، ئون قېتىم كوللېكتىپ تاماق يېگەن. ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل تارقاتقان، بۇنى پۇلغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان. يى گەنجۈنگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، باشقا جاۋابكارلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

   خۇنەن ئۆلكىسى جۇجوۋ شەھىرى ‹‹چېڭفا›› گۇرۇھى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باش مۇدىر لياۋ خۇينىڭ قائىدىگە خىلاپ سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2017 – يىلى 6 – ئايدىن 2018 – يىلى 2 – ئايغىچە، لياۋ خۇي جۇجوۋ شەھىرى ‹‹چېڭفا›› گۇرۇھى شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش مۇدىر بولغان مەزگىلدە، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىركەتنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بار سوۋغاتلىق پۇلدىن ئىككى قېتىمدا جەمئىي 8000 يۈەننى، ئۈچ قېتىمدا ئومۇمىي قىممىتى 7000 يۈەن بولغان يەتتە مال سېتىۋېلىش كارتىسىنى قوبۇل قىلغان، ئالىي تاماكىدىن 17 پاچكا، ئالىي ئايالچە سومكىدىن بىرنى قوبۇل قىلغان، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىمغا ئالدۇرمىغان، يۇقىرىغا تاپشۇرمىغان. لياۋ خۇينىڭ يەنە ئىشخانا جابدۇقلىرىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش، ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلىرى بار. لياۋ خۇيگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، قائىدىگە خىلاپ قوبۇل قىلغان سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل، مال سېتىۋېلىش كارتىلىرى قايتۇرۇۋېلىندى.

   سىچۈەن ئۆلكىسى سۈينىڭ شەھىرى دايىڭ ناھىيەسىنىڭ خېبيەن بازىرى بوسى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىڭشېڭنىڭ ئوغلىنىڭ توي زىياپىتىنى ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. 2018 – يىلى 2 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ۋاڭ چىڭشېڭ ئوغلىنىڭ توي زىياپىتىدە 29 ئۈستەل راسلىغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بوسى كەنتىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك، نامرات، بەشتە كاپالەتلىك 12 ئائىلىنىڭ 2200 يۈەن سوۋغاتلىق پۇلىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ تەشكىل تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قوبۇل قىلغان سوۋغاتلىق پۇلنى قايتۇرغاچقا، ۋاڭ چىڭشېڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

   گۇاڭدا بانكىسى كۆكخوت شۆبىسى تىجارەت بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور جاڭ لىجۈننىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسى. 2017 – يىلى 5 – ئايدىن 6 – ئايغىچە، جاڭ لىجۈن تىجارەت بۆلۈمىدىكى خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىلدە، مەزكۇر بۆلۈمدىكى 26 ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ تۆت تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ سىرى لانكىغا ساياھەتكە بېرىشىغا قوشۇلغان ھەمدە مۇكاپات خىراجىتى نامى بىلەن ئون خىزمەتچىنىڭ جەمئىي 25 مىڭ 532 يۈەن ساياھەت خىراجىتىنى ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاتچوت قىلىپ بەرگەن، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەنلىكتىن، باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ ساياھەت خىراجىتى ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاتچوت قىلىنمىغان. جاڭ لىجۈنگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى ۋە چوڭ گۇناھ يېزىش مەمۇرىي جازاسى بېرىلدى، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، باشقا جاۋابكارلار مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىندى ھەمدە ھۆكۈمەت پۇلىغا ئاتچوت قىلىنغان خىراجەتنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلدى.

   مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرىقى سەككىز قېتىملىق مەسىلىنىڭ كۆپى 2017 – يىلىدىن كېيىن كۆرۈلگەن، بەزىلىرى ھەتتا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن كۆرۈلگەن. بۇ مەسىلىلەر، يۇقىرى بېسىم ھالىتىدىمۇ بەزى جايلار ۋە ئورۇنلار، بولۇپمۇ ئاز ساندىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چۈشكەن بېسىمنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، يەنىلا ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىنتىزام ۋە قائىدە ئېڭىنىڭ سۇسلۇقى، تەپتارتماسلىقى، ئىش – ھەرىكىتىنىڭ قائىدىسىزلىكى، ھوشىنى تاپمىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىشى ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىدە بارغانسېرى ئىنتىزام ئىجراسىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولىدىغانلىقىدەك كۈچلۈك سىگنالنى تارقاتتى، بۇ، ئالاقىدار جايلار، ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

   مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرىقى سەككىز قېتىملىق مەسىلىدە، بەزىلىرى نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، تاماق ئۈستىلىنى ئىچكى قىسىمدىكى ئاشخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچكەنلىك پاكىتنى يوشۇرغان؛ بەزىلىرى مۇلازىمەت باشقۇرۇش ئوبيېكتلىرىنىڭ زىياپەت تەكلىپى، سوۋغاتلىق پۇلى ۋە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى خاتىرجەم قوبۇل قىلىپ ھەم پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان، ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىكى ‹‹يېقىن››، ‹‹پاك›› مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ بەزىلىرى توي – تۆكۈن باھانىسىدە پۇل قوبۇل قىلىپ مال – دۇنيا توپلىغان، ھەتتا نامرات، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرگە يامان قولىنى سۇنغان، كونا ئۆرپ – ئادەتلەر چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرتمىگەن؛ بەزىلىرى ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە ساياھەتكە  تەشكىللەپ، ھۆكۈمەت پۇلىدىن پايدىلىنىپ سېخىيلىقىنى ئىپادىلىگەن؛ بەزى ئورۇنلاردا 1 – قول باشلىق باش بولۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئورۇننىڭ ئىستىلىنى ناچارلاشتۇرۇۋەتكەن. بىر تەرەپ قىلىنغان بۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىنتايىن چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە بولدى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.

   مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزەش خىزمىتىنى چوقۇم ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى كۈچنى، چىدامچانلىقنى ساقلاپ، بىر باسقۇچ ئارقىلىق يەنە بىر باسقۇچتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىپ، بىر باسقۇچنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى، ئىشنى ياخشى باشلاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇشى، ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەت يۆنىلىشى ۋە يېڭى ئىپادىسى، مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئىش ئورنى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كونكرېت ئىشلارنى تۇتۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئەسلىگە قايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام بويىچە نازارەت قىلىش بىلەن قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزەش خىزمىتىنى جامائەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇش، بېسىمنى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەرقايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى ئورۇنلارغىچە داۋاملىق يەتكۈزۈش كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن قائىدىگە ئەمەل قىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ ۋە قانۇنغا بويسۇنۇپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئاڭلىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

   مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: تاڭزۇڭزا چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بايرام مەزگىلىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپ  قىلمىشلار، ‹‹قىزىل سىزىق››قا تېگىپ كېتىدىغان ئادەم ۋە ئىشلارغا قارىتا، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتە، تېز تەكشۈرۈش  – قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشتا، دەل جايىدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى بىردەك قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماي، يۈز – خاتىر قىلماي، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى