تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىمەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمەن، مۇقىملىقنى قوغدايمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى رەھمەتجان جىقاي

   پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى، غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم.

   مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدىن بولدى، مەيلى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە سىستېمىسىدا ياكى ئەدلىيە مەمۇرىيىتى سىستېمىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە بولسۇن، ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، خىزمەت ئىستىلىمنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇپ كەلدىم.

   پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىمەن.

   ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە قەتئىي زەربىدارلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل ئاشكارىلاپ، پاش قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئەڭ قەتئىي تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىمەن، تېررورچىلارنىڭ ئېشىپ كەتكەن ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن، ئىدېئولوگىيە ساھەسى بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن. ھەرقانداق ۋاقىتتا 1 – سەپتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات تەربىيەسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشى بولمىغان بولسا، كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، مۇقىم ياخشى ۋەزىيەت بولمىغان بولسا، بەختىيار، ياخشى تۇرمۇشىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەيمەن. بىز گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىمىز، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى