تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ جەڭگىۋار ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت ـ دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر بېكەن توختاربېك

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە ئاشكارا قارشى قىلمىش. ئۇلار مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ئاممىنىڭ ھاياتىنى دەپسەندە قىلغانلىق، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىغا بىھۆرمەتلىك قىلغانلىق. مېنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەپلا قالماي، يەنە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە زەربە بېرىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە زەربىدارلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولىمەن، «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى ئۈزۈل – كېسىل قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ جەڭگىۋار ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن.

   مەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەي، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتە ئېغىپ كەتمەي، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. ‹‹ياخشىچاق›› بولماي، يۇقىرىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، يۇقىرىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا شەرت قويماي، ئىنتىزامنى شەرتسىز ئىجرا قىلىمەن، قائىدىگە رىئايە قىلىشتا بىخۇدلۇق قىلمايمەن، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ چەكتىن ھالقىپ كەتمەيمەن، سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە بىر خىل بولىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىدىغانلاردىن، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن بولمايمەن. ئاز سانلىق مىللەت كادىرغا خاس ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە تۇرۇپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ھەم ئۇلارنى يېتەكلەيمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىز ھەر مىللەت خەلققە خۇددى ھاۋا بىلەن سۇدەك كەم بولسا بولمايدۇ. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت. مۇقىم مۇھىت بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى بولمايدۇ، بىز ھەرمىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئەتىسىمۇ بولمايدۇ. مىللەت، دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى ھەرگىز قىلماي، ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى