تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بايرام مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە ھاۋا سالقىن بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچقۇرۇن ياغقان يامغۇر ئۈرۈمچىگە سالقىنلىق ئېلىپ كەلدى. جۇڭچيۇ بايرىمى كېلىش ھارپىسىدا سالقىن ھاۋا يەنە داۋاملىشىدۇ. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، مەركىزىي شەھەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا داۋاملىق ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەيدۇ، بايرام مەزگىلىدە ھاۋا سالقىن بولىدۇ.

   بايرام مەزگىلىدە مەركىزىي شەھەردە تېمپېراتۇرا ئۆرلەش - تۆۋەنلەش دەۋرىيلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 17-كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولۇپ كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 31قا چىقىپ، تۆت كۈنلۈك بايرامدىكى ئەڭ ئىسسىق كۈن بولۇپ قالىدۇ. 6-ئاينىڭ 16-كۈنى ئازراق يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃ 26قا چۈشىدۇ. 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە تېمېپراتۇرا كۆپ ئۆرلىمەيدۇ. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃ 24بولىدۇ.

     6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، خوتەن ۋىلايىتى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ. ئىلى ئوبلاستى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، سانجى ئوبلاستىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر يېغىپ، يامغۇر ئەڭ كۈچلۈك ياغقان ۋاقىتتىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 30~40 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جايلاردا چاقماق چېقىپ بوران چىقىش، ئۆتكۈنچى قاتتىق يامغۇر ، مۆلدۈر قاتارلىق كونۋېكسىيەلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى