شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريولى تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى قىزىق لىنىيە شەھەرلىرىگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن قومۇل، كورلا، قاراماي، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزىنى كۆپەيتىدىكەن، پىلان بويىچە كۆپەيتىلگەن شىنجاڭ ئىچىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى (ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 41 گە يېتىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى-قومۇل ئوق پويىز گۇرۇپپىسىدىن 10 نى؛ 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى-كورلا تېز سۈرئەتلىك پويىز گۇرۇپپىسىدىن ئالتىنى؛ 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى-غۇلجا تېز سۈرئەتلىك پويىز گۇرۇپپىسىدىن 12 نى؛ 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى-قاراماي تېز سۈرئەتلىك پويىزدىن 13نى كۆپەيتىدىكەن.