تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ياشانغانلاردىكى ئەستە تۇتۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

 

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېلسىنكى، 6-ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى. فىنلاندىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت، ئەقلىي قابىلىيەت مەشىقى ۋە ساغلام يېمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، ياشانغانلاردىكى ئەستە تۇتۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن،

  «خېلسىنكى خەۋەرلىرى» نىڭ 6- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تەتقىقاتنى فىنلاندىيە داشۆسى ياشانغانلار تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى پروفېسسورى مىرا كىۋىپىلتو باشلامچىلىقىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى ئېلىپ بارغان بولۇپ، فىنلاندىيە ساغلاملىق ۋە پاراۋانلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات تۈرىنىڭ بىرى.

ماتېرىيال سۈرەت

  تەتقىقاتقا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خەۋپى بار 60 ياشتىن يۇقىرى 1262 ياشانغان كىشى قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يېرىمىغا مەزكۇر تەتقىقات كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ چىققان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كۆرسەتمىسىنى قوللانغان، بۇ ئالاھىدە تاماق تىزىملىكى، ھەرىكەت، ئەقلىي قابىلىيەت مەشىقى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى خەۋپ – خەتىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېلىشتۇرۇشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارغا ئۆلچەملىك تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كۆرسەتمىسىنى قوللانغان.

ماتېرىيال سۈرەت

  ئىككى يىل ئىچىدە ئىككى گۇرۇپپىدىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىدا روشەن پەرق كۆرۈلگەن. مىرا كىۋىپىلتو « خېلسىنكى خەۋەرلىرى » نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا مۇنداق دېدى: تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كۈچەيتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلغان سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى تۇرمۇش سۈپىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولغان، ئۇلارنىڭ باشقا كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ روشەن دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

  مىرا كىۋىپىلتو مۇنداق دېدى: ياشانغانلاردىكى ئەستە تۇتۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىس بولۇپ قالدى. ئالجېمېر كېسىلى بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بىمار ئۆزىگە كېسەللىك ئازابى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بىر خىل ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

  مىرا كىۋىپىلتو مۇنداق تەكلىپ بەردى: ياشانغانلاردىكى ئەستە تۇتۇش توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت بىلەن مۇسكۇل مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئەقلىي قابىلىيەت مەشىقى ئوقۇش، خەت كىرىشتۈرۈش ئويۇنى، شاھمات ئويناش ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، يېمەك – ئىچمەكتە سۇيۇق – سەلەڭ ۋە خىلمۇ-خىل يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىپ، كۆكتات ۋە مېۋە- چېۋىلەر، بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك، قىزىل گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئازراق يېيىش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇسۇل ، چۈنكى «يالغۇزلۇق نۇرغۇن جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىق مەسىلىسىنىڭ مەنبەسى».

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى