تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

 باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

   مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى، پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 –، 2 – يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىسلاھات خىزمىتى يەكۈنلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سان – سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئىسلاھات ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى ‹‹ئىلگىرى سۈرۈش تارماقلىرى››نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات خىزمىتىدە ئۆزئارا تۇتاشقان ‹‹بىر تور››، ‹‹بىر تاختا شاھمات›› ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئىسلاھاتنى تۇتۇشتىكى تەشەببۇسكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ‹‹كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش›› ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى پائال، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈردى.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى تەلەپ، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى تۇتۇشنى زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ‹‹ئۈچ چوڭ جەڭ››نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈپ پىرىنسىپنى ئىگىلەپ، خىزمەتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۆز قەرەلىدە تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: قاتلاممۇ قاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى، يولغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، مەسىلىنى توغرا تېپىپ، ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش كېرەك. دائىملىق نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹قايتا قاراش›› خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى باش تېما قىلىنغان بىر قاتار تەشۋىقات خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، رېن خۇا، لى جىدۇڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى