تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ پارلاق گۈزەل كەلگۈسى يارىتايلى

ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (4)

خەلق گېزىتى ئوبزورچى ماقالىسى

    بىر مەقسەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنياغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18 – قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان جاراڭلىق، كۈچلۈك، مول چاقىرىق كۈچىگە ئىگە سۆزى كەڭ ئورتاق سادا پەيدا قىلدى. ئىجابىي، ئەمەلىي بولۇش، دوستانە ھەمكارلىشىش روھى بويىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچەش يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى.

   دۇنياغا نەزەر سالساق، ھازىرقى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى، تەرەققىياتى ئىشلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، ‹‹شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش››تىن ئىبارەت ئىجابىي تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
                                           
   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش، تىنچ، بىخەتەرلىك ئورتاق ئاساسىنى پۇختىلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنىڭ كۈچلۈك موتورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەر تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىنى ئويلىشىپ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىش، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەنئەنىۋى ۋە ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئۈنۈملۈك زەربە بەرگەندىلا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلەتكەندە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئورتاق گۈللىنىشنى كۈتۈۋالالايمىز.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقىنىڭ ئورتاق رىشتىسىنى چىڭىتىش، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ھەمراھلىق تورىنى ئورتاق كېڭەيتىش كېرەك. ئادىمىيەت ھەمكارلىقى خەلق ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئىشەنچ ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. مەدەنىيەت ئالاقىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئارازلىقىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيەت توقۇنۇشىدىن، مەدەنىيەت جەھەتتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن ھالقىشتا باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان مەدەنىيەت قارىشىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇش زۆرۈر. ھازىر، جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەرىتە كۈنسېرى كۆپ مەنبەلىشىپ، كۆپ قۇتۇپلىشىپ، دۆلەتلەرنىڭ بىر – بىرىگە تايىنىشى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. بىز كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلىشىش ھەمراھى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ب د ت قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

   ئىشنى قىلغاندىلا كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى، يولنى ماڭغاندىلا راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. 17 يىللىق بوران – چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ‹‹شاڭخەي روھى››غا ئەمەل قىلىپ، خەلقئارا بوران – چاپقۇن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھازىرقى خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە قاتناشقۇچىغا ئايلاندى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قويۇق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلساقلا چوقۇم تېخىمۇ پارلاق گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋالالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى