تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان كىچىك نەرسىلەردىن قايسىسىنى خاتا ئىشلەتكىنىڭىزنى بىلەمسىز؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمۇنغا دىققەت قىلىڭ!
بىرىنچى، چاچ قىسقۇچنى ھازىرغىچە خاتا ئىشلەتكەن بولىشىڭىز مۇمكىن. چاچ قىسقۇچنىڭ ئۇزۇن تەرىپىنى ئۈستىگە، قىسقا تەرىپىنى ئاستىغا قارىتىپ قىسىش كېرەك.
ئىككىنچى، سۈت، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى خاتا يۆلىنىشتە تۆككەندە سۈت تۆكىلىپ كېتىدۇ.
ئۈچىنچى، نائۇشنىكنى توغرا ئۇسۇلدا تاقىسا قۇلاقتىن ئاسان چۈشۈپ قالمايدۇ.
تۆتىنچى، يېڭى ساقلاش خالتىسى، قەلەي قەغەز قېپىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى كىچىك بەلگە سېلىنغان ئورۇننى ئاستىغا بېسىپ كىرگۈزۈۋېتىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا يېڭى ساقلاش خالتىسى، قەلەي قەغىزىنى تارتىپ چىقارغاندا ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
بەشىنچى، روزېتكىنى ئۇزارتىش سىمىنى ئىشلەتكەندە بىر چىگىپ قويغاندا، ئاسان ئاجراپ كەتمەيدۇ.
ئالتىنچى، ئۈچ بۇرجەكلىك شاكلات ئوشتۇشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، شۇڭا ئىچىگە قارىتىپ بېسىپ ئوشتۇغاندا ئاسان ئوشتۇلىدۇ.
يەتتىنچى، ئادەتتە چىش تازىلاش يىپىنى بىر تال يىپ ھالەتتىلا ئىشلىتىمىز، ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرىپىنى چىگىپ ئىشلەتكەندە قولىمىزدىن ئاسان چىقىپ كەتمەيدۇ.
سەككىزىنچى، سۇلياۋ ئىستاكانلارنىڭ ئەتراپىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ بەزى سۇلياۋ ئىستاكانلارنىڭ ئېغىزىدا ئۈچ چوقچىيىپ چىققان چەمبەر بار بولۇپ، ئىستاكاننى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
توققىزىنچى، قەغەز قولياغلىقنىڭ تازىلاش ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش رولىمۇ بار. قەغەز قولياغلىقنى ئالدى بىلەن نەمدىۋېلىپ، ئاندىن ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئوراپ 15 مىنۇت توڭلاتساق، ئىچىملىكنى تېز سۈرئەتتە مۇزلاتقىلى بولىدۇ.
ئونىنچى، قازاننىڭ تۇتقۇچىدىكى تۆشۈك، بىزەك بولۇپلا قالماي يەنە قوشۇق قاتارلىقلارنىڭ تىرىكى بولالايدۇ.