تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«روزا ھېيت» تا شىنجاڭدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ

  تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرلىرىمىز ليۇ جيې، ۋاڭ نا خەۋىرى: 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى «روزا ھېيت» كۈنىدە شىنجاڭدا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز يول يۈرىدۇ، ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 0:00 دە باشلىنىپ 24:00 تە ئاخىرلىشىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتىدا ئادەتتىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار ھەق يىغىش پونكىتىنىڭ ھەق يىغىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىت، يېپىق شەكىلدىكى تاشيوللاردا ئاپتوموبىللار چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدىكەن. ئاپتوموبىللار ھەقسىز يۈرۈش يوللىرىدا كارتا تارقىتىلماي، كالتەك كۆتۈرۈۋېتىلىدىكەن، ETC يوللىرىنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىلىپ بىر قېتىمدا بىر ئاپتوموبىل ئۆتكۈزۈلىدىكەن. يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى ئىككى باسقۇچ بويىچە يۈرۈش بېلىتى تارقىتىلىدىكەن.

  بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن شىنجاڭدا يولۇچىلارنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭ تاشيول تارماقلىرى ھەق يىغىش پونكىتلىرى، مۇلازىمەت رايونلىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ، ھەق يىغىش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى، ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى ج خ قاتناش ساقچى، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشيول بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئاخبارات تاختىسى، قاتناش رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تاشيول قاتناش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە يول لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللىشىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ زىيادە يىغىلىپ قېلىپ، توسۇلۇش كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى