گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر خۇ شياڭدەن(ئوڭدىن 2 – كىشى) قولمۇقول ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى (1 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تارتىلغان).
مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قىس بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىغا قارىتا، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار زاپاس قوشۇنى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.