تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىغا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلدى

   مۇخبىرىمىز خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق باج ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىشنى باج قانۇنى، سىياسەت، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق كۆپ جەھەتتىن تۇتۇپ، ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنى كۈچلۈك قوللىغان.

   ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار ‹‹سىرتقا چىقىپ›› چېگرا سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەتنى قانات يايدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باجغا چېتىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى چوڭ كارخانىلار ۋە خەلقئارا باج ئىشلىرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيجياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق باج ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، تەشۋىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش ۋە خەۋپ – خەتەرنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، كارخانىلارنى مەبلەغ سالىدىغان نىشان دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ قانۇن – نىزامىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش تىجارىتى پائالىيىتىدە يوشۇرۇنغان باجغا ئالاقىدار تۈرلۈك خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشىگە ياردەم بەردى، چېگرا ھالقىغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق باج ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى مەۋقەنى شىنجاڭغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيانىڭ رايون ئەۋزەللىكىگە ۋە شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئاساسلىقى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە مەركەزلىشىشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىغا قويۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ باج قانۇنىنى تەرجىمە قىلىش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ باجغا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنى ئاساس قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ باج سىياسىتى ۋە باج كېلىشىمى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ باج سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى، باج كېلىشىمىدىن ئىبارەت خەلقئارا باج نېگىزلىك قانۇن قائىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ياخشى ئىجرا قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەلقئارا باج ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا باج خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا ياردەم بەردى.

   بۇ يىل جۇڭلياڭ ‹‹تۈنخې›› قەنتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى ‹‹سىرتقا چىقىش››نىڭ 6 – يىلىنى كۈتۈۋېلىپ، ‹‹دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى شېكەر سودىسى›› ئارزۇسىغا قاراپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىدى. بۇ شىركەتنىڭ مالىيە دىرېكتورى ليۇ جۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى ‹‹ئاتا – ئانىمىز››غا ئوخشايدۇ، ئۇلار كۆپ قېتىم كارخانىمىزغا كېلىپ نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ئېھتىياجىمىزنى سۈرۈشتۈردى. ئىلگىرى تىل جەھەتتىكى توسالغۇ سەۋەبىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ باج قانۇنىنى چۈشىنىش جەھەتتە نۇرغۇن توسالغۇغا ئۇچرىغانىدۇق، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى كارخانىمىزنىڭ سىرتتا يولۇققان مەسىلىلىرىگە دەل جايىدا ياردەم بەردى.

   ئىگىلىشىمچە، كۆپ ساندىكى ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى مەبلەغ سالغان دۆلەتلەرنىڭ باج قانۇنى تۈزۈمىنى چۈشەنمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت باج تارماقلىرى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ باج قانۇنىنى تەرجىمە قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ باج قانۇنىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمە سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرگەن.

   ۋاڭ ۋېيجياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەسىلىلەرنى توپلاشنىڭ يېڭى يوللىرىنى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەتنىڭ قاراتمىلىقىنى ئاشۇرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە باج ئۇچۇرىنى تەتقىق قىلىشنى دەل جايىدا قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە باج ئۇچۇر تەتقىقاتىنىڭ قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرىدۇ. قارشى تەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ باج تارماقلىرى بىلەن ئالاقە باغلاش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ. ‹‹سىرتقا چىقىش›› كارخانىلىرىنى داۋاملىق دەل جايىدا، ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى