تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خېجىڭ بازىرىدا 5 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە قارا بۇغداي تېرىلدى

دېھقانچىلىق تېخنىكى لى گوشىڭغا قارا بۇغداينىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى  توغرىسىدا ساۋات سۆزلىمەكتە. 

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى ئەبەيدۇللا خەۋىرى: خېجىڭ ناھىيەسى شەلمىر بۇخ بازىرىنىڭ شەلمىر بۇخ كەنتىدىكى دېھقان لى گوشىڭ بۇ يىل 200 مو يەرگە قارا بۇغداي تېرىغان ئىدى. ئۇ تېرىغان قارا بۇغدايلار كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار تەكلىپ قىلغان تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆستى. قارا بۇغداينىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئادەتتىكى بۇغدايدىن  يۇقىرى بولغاچقا، خېجىڭ بازىرى، نەمىنمودۇن بازىرى، شەلمىربوخ بازىرىدىكى 158 ئائىلىلىك دېھقان لى گوشىڭغا ئوخشاش قارا بۇغداي تېرىدى. تېخىكلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 5500 مو يەرگە تېرىلغان قارا بۇغداي بۇ يىل دېھقانلارنى ياخشى كىرىمگە ئېرىشتۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى