تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو شىنجاڭ 12-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى 7-ئايدا باشلىنىدۇ

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو شىنجاڭ 12-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەملىكەتنىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 150 ماھىر مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 207 كىلومېتىر بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولىدىكەن، ماھىرلار چوقۇم جۇڭگو دۆلەت تەۋەلىكىدە بولۇشى ھەمدە 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن كېيىن دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ۋېلىسپىت، قىلىچۋازلىق مەركىزىنىڭ ۋېلىسپىت بۆلۈمىگە رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ۋېلىسپىت جەمئىيىتى، كۇلۇبى، ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار ۋېلىسپىت ئەترىتى شەكلىدە مۇسابىقىگە تىزىملاتسا بولىدىكەن، ھەمدە ھەر بىر ئەترەتتىن يېتەكچى ياكى تىرېنېرلىققا بىر ئادەم، تەنھەرىكەتچىگە 4-6 گىچە ئادەم تىزىملاتسا بولىدىكەن.

   بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ: 1-باسقۇچتا ماھىرلار بورتالا شەھىرىدىن ۋېلىسپىت بىلەن يولغا چىقىپ، 90 كىلومېتىر يۈرگەندىن كېيىن، ئارشاڭ ناھىيەسىگە كېلىدۇ؛ 2-باسقۇچتا ئارشاڭ ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، 50 كىلومېتىر يۈرۈپ، سايرام كۆلىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا كېلىدۇ، بۇ دۆڭگە چىقىش باسقۇچى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300 مېتىردىن 2200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. 3-باسقۇچتا ماھىرلار سايرام كۆلىنى ئايلىنىپ 67 كىلومېتىر يول يۈرىدۇ، شىخەي يايلىقى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

   سايرام كۆلى شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئېگىز تاغ سوغۇق سۇ كۆلى بولۇپ، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىردىن ئاشىدۇ، سۇ رايونى كۆلىمى 450 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرىگاھ ۋە دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك تاشيول تىرانسپورت تورىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى تۈرتكىسىدە، تاشيولدا ۋېلىسپىتلىك يۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە ياخشى شارائىت ھازىرلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى