شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى شىنجاڭ سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭ سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پائال ھالدا سوت مەھكىمىسى بىلەن دەۋا ۋە مۇرەسسەنى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، سۇغۇرتا ماجىراسىنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئەسلىدىكى ساقچى ۋە سۇغۇرتا خادىملىرى تېز بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسى ئاساسىدا دەۋا بىلەن مۇرەسسەنى جىپسىلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى كۆپەيتىپ، يول قاتناش ھادىسىلىرىنى توردا سانلىق مەلۇماتلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، سۇغۇرتا توختامى ماجىرالىرىنى قاتناش ساقچى تارمىقى، سوت مەھكىمىسى، سۇغۇرتا شىركىتى مۇرەسسە قىلىش مەركىزى، سۇغۇرتا شىركىتى «بىر بېكەتلىك» ھەل قىلىش ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ ئەندىزە بەرپا قىلىنغاندىن بۇيان، سۇغۇرتا مۇرەسسە قىلىش مەركىزىنىڭ ئوڭۇشلۇق مۇرەسسە قىلىش نىسبىتى %95.4 بولغان.