تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خىزمەت ئەترىتى نامرات ئائىلىلەرگە يېقىندىن ياردەم بەردى

  تەڭرىتاغ تورى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ۋاڭ رودەن، ۋىن ۋىن خەۋىرى: يېقىندا، چاقىلىق ناھىيىسى ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ۋاششەرى بازىرى ئۇتام كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى 115 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 5742 دانە ئەلا سورتلۇق چۈجىنى 58 نامرات ئائىلىلىكلەرنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى ما چىڭلياڭ ھويلىسىدىكى چۈجىلەرنى كۆرۈپ خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېدى: كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىزگە ئەلا سورتلۇق چۈجىلەرنى تاللاپلا قالماي، يەنە بېقىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگەتتى، مەن چوقۇم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، چۈجىلەرنى ياخشى بېقىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن.

  خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەزالار ۋە كەنت كادىرلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاھالىلىكلەر ئارىسىدا زىيارەتتە بولۇپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلىكلەرنىڭ ھويلىدا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇسى بارلىقىنى ئىگىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن نامرات ئائىلىلىكلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسلىھەتلىشىپ كېڭىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغان.

  -ئىكولوگىيەلىك ئۇسۇلدا باققان ئۆي قۇشلىرى يۇقىرى سۈپەتلىك، زىيانسىز بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا باققۇچىلاردىن كۆپ كۈچ تەلەپ قىلمايدۇ، ھويلىدا بېقىشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ،-دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئوسمان ھوشۇر.

  نامرات ئائىلىلىكلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆي قۇشلىرنى بېقىش تۈرىگە قوشۇلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر نامرات ئائىلىلىكلەرنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۆي قۇشلىرىنىڭ قەپەزلىرىنى تازىلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە چاقىلىق ناھىيەلىك مال-چارۋا بېكىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئارقىلىق ئۇلارغا تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، چۆجىلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، باققۇچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  -ئىلگىرى باققۇم يوق ئەمەس، باقالمىغانىدىم، ھازىر خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىزگە چۈجە تارقاتتى، تېخنىكا ئۆگەتتى، مۇلازىمەت قىلدى. بۇ مېنىڭ چۆجىلەرنى ياخشى بېقىپ، ئائىلەمنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىشەنچ تۇرغۇزدى،-دېدى چۆجە ئالغىلى كەلگەن نامرات ئائىلىلىك تۇرسۇن رۇستەم كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى